پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنى قوللاش بىلەن بىرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىمەن¬发表时间:2021-09-24 18:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 138140 يۈەن بولدى. يېقىندا سانجى ئوبلاستىنىڭ لاتارىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولسا، يەنە سەككىز يۈەنلىك ئاپتوماتىك تاللانغان « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى كاتتا مۇكاپات خۇشخەۋەر بۇلۇپ، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا ئامەت ئىدى، بۇ كاتتا ئامەت ھەممەيلەننى مەپتۇن قىلدى! ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى لى ئەپەندى يەتتە يىللىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان كونا لاتارىيەچى بولۇپ، ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، بىرىنچىدىن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئىككىنچىدىن، مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايدىكەن، مەيلى مۇكاپاتقا ئېرىشسۇن ياكى ئېرىشمىسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇمۇ بىر خىل پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاش ئۇسۇلى ئىدى. كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، لى ئەپەندى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئىش بېجىرگىلى كەلدىم، ئىشنى بېجىرىپ بولۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولغاندا، يېنىمدا بىر لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتى بارلىقىنى كۆرۈپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئاندىن مېڭىش نىيىتىگە كېلىپ، دەرھال پونكىتقا كىردىم، ئاپتوماتىك تۆت قېتىم نومۇر تاللىدىم، دو تىككەندىن كېيىن قانائەتلەنگەن ھالدا كېتىپ قالدىم». لى ئەپەندىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگىنى ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇردىن كاتتا مۇكاپات چىقتى. لى ئەپەندى 24 ـ ئىيۇن سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا يېتەرلىك تىرىشچانلىق، يېتەرلىك ئاق كۆڭۈللۈك، بەدەل تۆلەش ۋە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلگەندىلا، مەيلى قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ». بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئىشلىتىشنى پىلانلاش توغرىسىدا لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇ مۇكاپات پۇلىنى كونكرېت قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، ساقلاپ قويۇپ زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا ئىشلىتىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۆزۈمنى بەك خۇشال ھېس قىلدىم، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمەن، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنى قوللاش بىلەن بىرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىمەن». (سانجى فېڭرۇي) |