新闻详情

لاتارىيە  بېلىتى سېتىۋېلىش بىر خىل ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى

发表时间:2021-09-26 17:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021167 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قەشقەر شەھىرى 65310216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە 14 نۇمۇرغا قايتىلانما دو تىكىپ، «شادلىق 6» ئۇيۇنىدا مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش «ئېقىمىغا» قۇشۇلۇپ، 34650 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، مۇكاپاتنى قۇلىغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىلغا ئېلىنغاندا، جاڭ ئەپەندى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: « بۇمۇ ئويلىغىنىمدەك بولدى! »-دېدى، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شادلىق 8 ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى بۇ يېڭى ئويۇنغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تەتقىق قىلىپ لاتارىيەچى دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، دو تىكىشتە قايتىلانما دو تىكىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جاڭ ئەپەندىنىڭ قايتىلانما دو تىكىشنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەككە دو تىكىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قايتىلانما دو تىكىشنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. 26-ئىيۇن، جاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىدەك 65310216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ بىر دو 14 نومۇر   قايتىلانما نومۇرنى تاللاپ «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دو تىكىپ 34650 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى:« مەن لاتارىيەچى دوستلارغا يەنە بىر تەكلىپ بېرىمەن، لاتارىيە   بېلىتى سېتىۋېلىش بىر خىل ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا بىر خىل پاراۋانلىقى ھەرىكىتى، پۇل تېپىش يولى ئەمەس، چوقۇم ئاقىلانە بولۇش كېرەك، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن لاتارىيە سېتىۋېلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.»-دېدى.

(قەشقەر شاۋشا)

分享到: