ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

رەقەم ئويۇنى 3D كەڭ لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-09-28 13:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە ئويۇنىدا ھەيران قالارلىق ئىشلار ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قوش رەڭلىك توپ قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلار لاتارىيەچىلەرگە ئارقا-ئارقىدىن كاتتا مۇكاپاتلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەقەم ئويۇنى3D كەڭ لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ.

7 ـ ئىيۇل كەچتە، 3D ئويۇنى 2021178 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نۇمۇرى «716» بولدى، غۇلجا شەھىرى 65410320 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيە لىن ئەپەندى 30 ھەسسە يەككە شەكىلدە دو تىكىپ، 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 3D ئويۇنى تىلغا ئېلىنغاندا، لىن ئەپەندى گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ: « 3D ئويۇنى ئاددىي ھەم قىزىقارلىق، ئويناش ئۇسۇلى جانلىق، نومۇر تاللاشقا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، شۇڭا مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن»-دېدى. ئىگىلىنىشىچە، لىن ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللىشى بىر قەدەر جانلىق بولۇپ، بىر خىل شەكىلدە چەكلىنىپ قالمايدىكەن، ۋاقىت چىقسىلا 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن، ئىلھام كەلسە ئۆزى تاللايدىكەن، ئىلھام بولمىسا خالىغانچە بىر نەچچە دو تاللاپ قويىدىكەن.

بۇ قېتىمقى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈستىدە توختالغاندا، لىن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مېنىڭچە لاتارىيە ئويناپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئاساسلىقى تەلەيگە باغلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياخشى روھىي ھالەتمۇ مۇھىم! مېنىڭچە لاتارىيە ئويناش بىر خىل خۇشاللىققا تولغان ئىش، يەنى نومۇر تاللاش جەريانىدىكى خۇشاللىق مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد بېغىشلايدۇ، يەنە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ، مەن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىمەن، بۇ مېنىڭ لاتارىيەنى قىزغىن سۆيۈشۈمنىڭ سەۋەبى.»-دېدى.

分享到: