ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

لاتارىيەچى لى ئەپەندى«شادلىق 8»ئۇيۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-08 17:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى 65298007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) «دەنما چۈەن تو» ئۇسۇلى بىلەن «شادلىق 8» ئۇيۇنى «بەشتىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق 10 ھەسسە دو تىكىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تۆت دانە دەنما چىقتى، ۋە 17260 يۈەن مۇكاپاتغا ئېرىشتى. شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنى مۇكاپاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا شۇڭا لى ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە 1520 يۈەن قىممىتىدىكى «شادلىق 8» ئۇيۇنى ھەدىيە لاتارىيە بېلىتىگە ئېرىشتى.

65298007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋ جياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لاتارىيەچى لى ئەپەندى شىخېزىلىق بولۇپ، دائىم ئاقسۇغا كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولغاچقا، لاتارىيە ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان لى ئەپەندى 65298007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بىلەن چېتىشلىقى بار ئىكەن. لى ئەپەندى ئادەتتە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە ئويۇنى بولسا « قوش رەڭلىك توپ» ۋە«شادلىق 8» بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىم كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن

9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى «ئالتۇن كۈزدە سوۋغا تەقدىم قىلىپ، بىرلىكتە "شادلىق 8"دىن ھۇزۇرلىش» تىن ئىبارەت سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مال ساتقۇچى شياۋ جياڭ بۇ خۇش خەۋەرنى ئەتىگەندىلا لى ئەپەندىگە ئېيتتى. پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، لى ئەپەندىنىڭ «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بىر قارارمۇ چۈشۈپ قالمىغان ئىدى، ھەر بىر قاراردا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان «بەشنى تاللاش» دەنتو 10 ھەسسە دو تىككەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تەلىيى كېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

ئاخىرى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2021256-قارار مۇكاپات ئېچىلغان كۈنى كەچتە، مال ساتقۇچى خادىم جياڭ جيېشى لاتارىيەچىلەرگە ياردەملىشىپ لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرىۋاتقاندا، لى ئەپەندىنىڭ« بەشنى تاللاش» تە دەنتودىن تۆت دانە دەنمانىڭ ھەممىسى چىققانلىقىنى بايقىدى، شياۋ جياڭ دەرھال تېلېفون قىلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى لى ئەپەندىگە ئېيتتى. لى ئەپەندى ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇ: ـــ« قارىغاندا، يەنىلا "دەنما چۈەنتو" ئۇسۇلىنى قوللانساق بولغۇدەك! ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سوۋغا بېلىتى بار. مەن سوۋغا بېلىتىم بىلەن يەنە "بەشنى تاللاش" دەنتو تاللاپ، "قوش زەمبىرەك"كە ئېرىشىمەن!»-دېدى.


分享到: