ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

چې خانىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ھەقىقەتەن تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

发表时间:2021-10-09 17:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق لاتارىيە ئويۇنى لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى، لاتارىيەچىلەر كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ۋە «ۋولۋو XC60T54تىپلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېسىل نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل» نىڭ ياردىمىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى! لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى بەختكە يارىشا ۋولۋوخاۋ ماركىلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشى، لاتارىيەچى دوستلار بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچىگە ھەۋەس قىلىشتى!

ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چې خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) پاراۋانلىق لاتارىيە لاتارىيەنىڭ «سادىق پىنتوزاسى» ئىدى، چۈنكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدىن باشقا، چې خانىم پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى باشقا ئويۇنلارنى ئېنىق بىلمەيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«پەقەت پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتسەملا، مەن بىر قانچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن!»-دېدى.

9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، چې خانىم ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان كونا جايى بولغان __ خېجىڭ ناھىيەسى دوستلۇق يولىدىكى تيەنفۇ گۈللۈكى 650280179 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، قائىدە بويىچە، «يېڭى چىققان» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا، بولۇپمۇ قىممىتى 20 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشنى ياخشى كۆرەتتى. مال ساتقۇچىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال: ـــ «ساھىبجامال كەپتىغۇ، يەنە كونا ئادەت بويىچە بۇلامدۇ؟ ھازىر جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. "گۈزەل شىنجاڭ" نىڭ قىممىتى 20 يۈەن، ئادەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تۆت دانە ۋولۋو XC60 T5 ئاپتوموبىل مۇكاپاتى بار»-دېدى مال ساتقۇچى. چې خانىم مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەزەرىنى «گۈزەل شىنجاڭ» لاتارىيە بېلىتىگە تىكىپ، ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى.

ئىككىنچى پارچە « گۈزەل شىنجاڭ» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقاندا، چې خانىم بىر ئاز توختىۋېلىپ، يەنە تەپسىلىي قاراپ چىقتى، «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئىككىنچى قۇردىكى بىرىنچى رەسىم بەلگىسى بىر پىكاپ ئىدى! ـــ «بۇ راستمۇ؟ ياكى يالغانمۇ؟ »-دەپ غودۇڭشىدى چې خانىم، ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ دەرھال ساتقۇچىدىن سورىدى، ئۇنىڭ جاۋابى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇشال ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن چې خانىم خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

ـــ «ھەي! شۇنچە يىل لاتارىيە ئويناپ، ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ مۇكاپاتنى كۆرۈپ باقمىغان! مەن ئۆزۈمنى خىيالىي تۇيغۇسىمىدۇ دەپ ئويلاپ باشقىلارغا دېيىشكىمۇ پېتىنالمىدىم، بۇ ناۋادا خاتا بولۇپ قالسا، بەك سەت بولىدۇ، مال ساتقۇچىدىن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن بىر ئەنسىز يۈرەك جايىغا چۈشتى»-چې خانىم ئۆزىنىڭ كۆپ يىل لاتارىيە بېلىتى ئوينىغانلىقىنى، كىچىك مۇكاپاتلارغا خېلى كۆپ ئېرىشكەنلىكىنى،نېمىشقا كاتتا مۇكاپات چىقمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ باققانلىقىنى، ئىلگىرى بىر مەھەل ھەقىقەتەن نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتنىڭ بار-يوقلىقىدىن گۇمانلانغانلىقىنى، لېكىن ھەر قېتىم يەنە چىداپ تۇرالماي سىناپ باقماقچى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆڭلىدە ئىككىلىنىش، يەنە ئۈمىد بار دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ـــ «كىم ھازىر يالغان دېسە، مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىمەن»-چې خانىم بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ھەقىقەتەن تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى، ھەم خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

4.png

分享到: