ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

发表时间:2021-10-12 13:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«جېداڭ   خوڭ 正当红» يۈرۈشلۈك پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش


جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى لاتارىيە ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەڭ لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سېتىلىدىغان «جېداڭ   خوڭ 正当红» پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1. مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش ۋاقتى

مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيەت ۋاقتى 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17 گىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ (سېتىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

2. مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش قائىدىسى

(1) پائالىيەت مەزگىلىدە، يەككە لاتارىيە بېلەت مۇكاپات سوممىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1 مىليون يۈەنلىك، 200 يۈەنلىك، 100 يۈەنلىك، 30 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارغا مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا 1 مىليون يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، قالغان ئۈچ مۇكاپات سوممىسى مۇناسىپ مۇكاپات سوممىسىنىڭ% 50 ى قۇشۇپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات قۇشۇپ بېرىشنىڭ كونكرېت قائىدىسى مۇنداق:1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ، 1 مىليون يۈەن مۇقىم مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛ 200 يۈەن مۇكاپاتقا، 100 يۈەن مۇقىم مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛ 100 يۈەن مۇكاپاتقا، 50 يۈەن مۇقىم مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛ 30 يۈەن مۇكاپاتقا، 15 يۈەن مۇقىم مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛

(2) ئەگەر مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش مۇددەت ئىچىدە مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىش پائالىيەت تۈگىسە، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى تەبىئىي ھالدا ئاخىرلىشىدۇ؛ ئەگەر مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن مۇكاپات پۇلىنىڭ ئېشىنچىسى بولسا، قالدۇق مۇكاپات پۇلى ئادەتتىكى تەڭشەش فوندىغا قايتۇرۇلىدۇ؛ ئەگەر مۇكاپات پۇلى چىقىم ئېشىپ كەتسە، كەم قالغان قىسمى ئادەتتىكى تەڭشەش فوندىدىن تولۇقلىنىدۇ.

(3) بۇ قېتىمقى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى سېتىش ئاپپاراتىنىڭ سېتىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلگەن ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ، مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر يەنى بېلەت كېسىش ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە سېتىش ئاپپاراتى بېكىتكەن جايغا ۋاقتىدا بېرىپ مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرۈشى كېرەك، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر شۇ جايدىكى باج تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ باج ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرەلمىسە، مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

3. مەبلەغ مەنبەسى

بۇ قېتىمقى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيىتىگە كېتىدىغان خىراجەت تەخمىنەن 200 مىليون يۈەن بولۇپ، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئادەتتىكى تەڭشەش فوندى چىقىمىدىن ئېلىنغان.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى


جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

分享到: