新闻详情

ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش

发表时间:2021-10-14 10:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» نى تولۇق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەشكىللىشى، ساخاۋەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار بىرلىكتە 20 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان « كۆپچىلىك پاراۋانلىقى بويىچە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى» تەشكىللىنىپ، جەرەنبۇلاق رايونى رۈنخې كەنتىدىكى كۆممىقوناق تېرىغۇچى ياڭ ئېنلىننىڭ قوناقلىقىغا بېرىپ، «پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئائىلىلەرگە كىرىپ كەلدى» تەك جاپا-مۇشەققەتلەردە بىرگە بۇلۇپ، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

1.png

9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ياردەم سوراش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى، جەرەنبۇلاق رايونى رۇنخې كەنتىدىكى كۆممىقوناق تېرىغۇچى ياڭ ئېنلىن بوۋاي بۇ يىل كۆممىقوناقتىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ياڭ ئېنلىن بوۋاي ئوپېراتسىيەدىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان بۇلۇپ، ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەشكە بولمايتتى. ئايالى يىل بويى ئەمگەك قىلغاچقا، سالامەتلىكى يار بەرمەيتتى، پەرزەنتلىرى سىرتتا ئىدى، ئۆيىدە تېرىغان يەتتە مو قوناقلىقنى يىقىدىغانغا ھېچكىم يوق ئىدى.

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، «كۆپچىلىك پاراۋانلىقى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى» دىكى پىدائىيلار بالدۇرلا قوناقلىققا كەلدى، ئۇلار كۆز يەتكۈسىز قوناقلىققا قاراپ، بىلىكىنى يارا قىلىشقا، پۇتىنى پاتقاق بېسىشقا پەرۋا قىلماي ئىشلەشنى باشلىدى، توپتوغرا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئالدىراش ئىشلەپ، ئاخىر يەتتە مو كۆممىقوناقنى يىغىپ بولدى، ياڭ ئېنلىن بوۋاي جاپا تارتىپ تېرىغان كۆممىقوناق دانچىلىرىنى ئامبارغا كىرگۈزدى.

2.png3.png4.png5.png

ئۇلار دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆز قولى بىلەن كۆممىقوناق ئاقلاپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇماچ قاينىتىپ، ئەمگەكنىڭ جاپا- مۇشەققەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى بۇ قېتىمقى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېھقانلارغا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» نى نامايەن قىلىش. ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارغا، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ، يېتىملەرگە ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تەك تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى ۋە راھەت ـ پاراغەتنى ئەسلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى يەتكۈزىشىمىز كېرەك.

6.png

分享到: