ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋ لى 249600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-10-14 17:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى دۇنيا چوڭ، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار كۆپ. 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بىر لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ «ئالاھىدە» نومۇر تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامەتنى كۈتىۋالدى، ئۇنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلى قانداق «ئالاھىدە»؟ ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە بۇ سىرنى ئېچىپ باقايلى. شياۋلى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئىلگىرى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا پەقەت «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينايتتى، شۇنداقلا كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنىدى، دائىم لاتارىيەچى دوستلارنىڭ 3D ئويۇنى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاچقا، كۆزىگە سىڭىپ قالغان بۇلۇپ، بۇ ئويۇن توغرىسىدا ئاز-تۇلا تەسىراتقا ئىگە ئىدى، ۋە بىر قېتىم تەلەي سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. شياۋ لى 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا، بىراۋنىڭ 3D ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش ئىسخېمىسى ئالدىدا تۇرۇپ، يۈزلىنىش ئىسخېمىسىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ 3D ئويۇنى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان شياۋ لىغا نىسبەتەن سەل ناتونۇش ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش قىلغاچ بىر تەرەپتىن يۆنىلىش ئىسخېمىسىنى كۆزىتىپ، مال ساتقۇچىدىن بىر تال نومۇر تاللاش قەغىزى سورىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە» نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بىلەن بىر بۆلەك يېڭىچە يولنى باشلىدى. شياۋ لى ئالدى بىلەن نومۇر تاللاش قەغىزىگە « 0 ــ 9» دېگەن رەقەمنى يازغاندىن كېيىن كۆزىنى يۇمۇپ، قەغەزگە خالىغانچە چەمبەر سىزىدۇ، سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ سىزىپ چىققان ئۈچ نومۇرنىڭ ئايرىم-ئايرىم « 9» ، « 8» ، « 1» ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ، يەنە بۇ ئۈچ ساننى« 8، 1، 9» قىلىپ تىزىدۇ، شۇنداق قىلىپ 1 دو 3D نومۇر بارلىققا كېلىدۇ. ئارقىدىن شياۋ لى بۇ نومۇرغا يەنە ئۈچ قارار دو تىكتى، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى دو تىككەن ۋاقىتتا، ئۇ قارىغانسېرى مۇكاپات چىقىدىغاندەك ھېس قىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نومۇر قوشۇلۇپ، 240 دو تىكتى. شياۋ لى ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنىدا مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات نومۇرى « 819» بولدى، 249600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شياۋ لى مۇكاپات ئالغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شياۋلى يەنە بىر قېتىم 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەندە، خۇددى « تەلەي ئىلاھى» نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بۇلۇپ قالغان ئىدى، لاتارىيەچىلەر بەس- بەستە ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، شياۋلى مۇستەقىل ئىجاد قىلغان « نومۇر تاللاش سىرى» دا تېخىمۇ چىڭ تۇردى. |