新闻详情

ۋاڭ ئەپەندى باشقىلار تەۋسىيە قىلغان نۇمۇر بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-15 18:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

9 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021237 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچى بىر دانە يەككە لاتارىيە بېلىتى بىلەن، 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 10400 يۈەن بولدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەي ئىگىسى ۋاڭ ئەپەندى ياش يىگىت بولۇپ، دائىم 65010565 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تۇراتتى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئۇيۇنلىرى، پەقەت 3D ئويۇنىغىلا ئالاھىدە قىزىقاتتى. 9 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم 65010565 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، 3D ئۇيۇنى يۆنىلىش خەرىتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن دەڭسەپ كۆرۈۋاتقاندا، بىر چەتتە تۇرغان بىرنەچچە پېشقەدەم لاتارىيەچىلەرنىڭمۇ 3D نومۇرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بويى ئىگىز سەل سېمىز بىر ئوتتۇرا ياشلىق لاتارىيەچى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئونلەر خانىسى 7 بىلەن 4 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، يەنە باش ـ ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ، كۆپچىلىككە قىزغىنلىق بىلەن بۇ ئىككى نومۇرنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋاڭ ئەپەندى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، نەزىرىنى يۈزلىنىش خەرىتىسىگە يۆتكىدى، سىنچىلاپ قارىۋىدى، نۇمۇر 7 بىلەن 4 ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، ئەزەلدىن تەقدىرگە ئەگىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاڭ ئەپەندى سېزىمىگە ئەگىشىپ بىر قېتىم سىناپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن « 247» بىلەن « 724» نىڭ ھەربىرىگە 100 ھەسسىدىن يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى.

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ھەسسىلەپ دو تىكىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ھېلىقى نۇمۇرنى تەۋسىيە قىلغان لاتارىيەچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا كېلىپ: ـــ گېپىمنى ئاڭلاڭ، بۇ نۇمۇر خاتا ئەمەس، بۇ نومۇردا چوقۇم مۇكاپات چىقىدۇ»-دېدى. « شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ نومۇر نېمىشقا كۆپرەك دو تىكمەيسىز؟»ــ دەپ سورىدى ۋاڭ ئەپەندى چۈشىنەلمەي. نۇمۇرنى تەۋسىيە قىلغان لاتارىيەچى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:«مەن پەقەت نۇمۇرنى تەتقىقات قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، باشقىلار بىلەن ئۆزەمنىڭ نومۇر كۆرۈش جەريانىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، بىر ھەسسە دو تىكسەملا بولىدۇ، نەتىجىدە نېمە بولۇشى مۇھىم ئەمەس.»-دېدى، ئىككىيلەن بىر ھازا مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى نۇمۇرنى تەۋسىيە قىلغان لاتارىيەچى بىلەن بىرلىكتە مۇكاپات نەتىجىسىنى كۈتتى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، دو تىكىش ئاپپاراتى ئېكرانىدا D3 ئويۇنى 2021237-قارار مۇكاپات نومۇرى« 724» نى كۆرستىلدى، مۇكاپات نەتىجىسىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ۋاڭ ئەپەندى ۋە باشقا لاتارىيەچىلەر تەنتەنە قىلىشتى. ۋاڭ ئەپەندى نۇمۇرنى تەۋسىيە قىلغان لاتارىيەچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، ئەمما نۇمۇرنى تەۋسىيە قىلغان لاتارىيەچى كۈلۈپ تۇرۇپ: « مېنىڭ ئىسمىم لاۋجاڭ، ئېسىڭىزدە تۇرسۇن ھە!»-دېدى، ۋە شۇ ھامان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.

9.png

分享到: