新闻详情

تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-18 15:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«مۇكاپات چىقىش ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش». 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشۈپلا، جاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلدى، ئۇ قولىدىكى لاتارىيەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرۈپ بەرسىڭىز!»-دېدى.

جاڭ ئەپەندى بىر تېز يوللانما خادىمى بولۇپ، يىل بويى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرىدا چېپىپ يۈرىدۇ. 30-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى ۋۇيىلۇ ئەتراپىغا كېلىپ تېز يوللانما ئەۋەتكەن، يولغا چىقماقچى بولغاندا 65010359 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىنى كۆرگەن. جاڭ ئەپەندىنى گەرچە پىشقەدەم لاتارىيەچى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى، ۋاقتى بولسىلا بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلاتتى، جاڭ ئەپەندى نۇرغۇن قېتىم كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدى.

«ئۇچراپ قالسىلا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن»-جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جەمئىي 10 يۈەن خەجلەپ، ئىككى دو « قوش رەڭلىك توپ» يەككە نومۇر تاللىغاندىن كىيىن يەنە ئۈچ دو نۇمۇر تاللاپ، ئۇنىڭدىن كىيىن دەرھاللا تېز يوللانما يەتكۈزۈش ئۈچۈن چېپىپ كەتتى.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، جاڭ ئەپەندى تېز يوللانمىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم 65010359 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىشىگە چاپلاپغان « قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچىنى ئىزدەيمىز» دېگەن خەتلەرنى كۆردى، ۋە بۇرۇن ئالغان لاتارىيەلىرى ئىسىگە ئېلىپ، يانچۇقىدىن تەرگە چۆمۈلگەن ھېلىقى لاتارىيە بېلىتىنى چىقاردى ۋە ئالدىراپ – تېنەپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىپ، ساتقۇچىغا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن – ئېرىشمىگەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتىنى بەردى، مال ساتقۇچى خادىم سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، جاڭ ئەپەندى تاللىغان 3 دو « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ يەككە نومۇرى ئىچىدىكى 1 دو نۇمۇر بىلەن« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدىكى 2021099-قارار قىزىل رەڭلىك توپنىڭ مۇكاپات نومۇرى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، جاڭ ئەپەندى شۇ قاراردا بىر دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، مۇكاپات سوممىسى 92627 يۈەن بولغان.

«بىر ئاز تاسادىپىيلىق ۋە ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مال ساتقۇچى ماڭا 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى، دەرھال مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىشىمنى ئېييتتى»-دېدى جاڭ ئەپەندى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېخىمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

11.png

分享到: