新闻详情

قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى«شادلىق 8»ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-19 12:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى « شادلىق 8» ئويۇنىدا 5080000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

12.png

(9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى)

13.png

(9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنىدا 5080000 يۈەن مۇكاپات چىقتى)

ئالتۇن رەڭگە تولغان 9-ئاي بولسا قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ مول-ھۇسۇل ئالغان پەسىلى

9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدىكى چوڭ مۇكاپات قارامايدا پەيدا بولدى ، پەقەتلا 10 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چوڭ مۇكاپات يەنە بىر قېتىم قارامايدا پەيدا بولدى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021257 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى 65020123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ئوننى تاللاپ ئون چىقىشتا 1 دو ۋە ئوننى تاللاپ تۇققۇز چىقىشتا 10 دو مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 5080000 يۈەن بولدى.

14.png

(مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتى)

9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى فېڭ ئەپەندى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىدا پەيدا بولدى. ئىگىلىنىشىچە، فېڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بۇلۇپ ، ئىلگىرى « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، «شادلىق 8» بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئۇ بۇ ئۇيۇننى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇ ھەر قاراردا چۇقۇم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، ھەر قاراردا 20 يۈەن ئەتراپىدا دو تىكەتتى، ئىلگىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپات چىققان.

بىر ئاي ئىلگىرى فېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتى ئۈستىدە قايتا ئويلاندى. « شادلىق 8» ئويۇنىدا 80 نومۇر بار، ئىلگىرى ئۇ ئۆزى نومۇر تاللايتتى، جاپالىق بولۇپلا قالماي، ئۈنۈمى ئادەتتىكىچە ئىدى، ھەتتا نەچچە قېتىم ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن ئىدى. ئۇنداق بولسا، نېمىشقا قارشى يولدا ماڭمايمىز؟ زاپاس تاللاش نومۇرىدىن ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن بىر قىسىم نومۇرلارنى تاللىدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم نومۇرلارنى ئۆچۈردى، يەنە بىر قانچە تەلەي نومۇرىنى قوشۇپ، بىر دو ئوننى تاللاش 11 قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى ھاسىل قىلدى. فېڭ ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بىر ئايدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل بۇ بىر دو نومۇرغا دو تىككەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش تاسادىپىيلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى 5080000 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، فېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « تۈنۈگۈن ئاخشام مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىنىڭ تەبرىك ئۈندىدارىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۆزۈمنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەستەك چۈش كۆرگەندەك ئىش ئىدى، خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق دەپ ئويلاپ، يەنە مەخسۇس پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر قېتىم جەزىملەشتۈردىم»- فېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، ئەتىسىلا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە فېڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: « بىر نومۇرمۇ كەم قاپتۇ، بولمىسا 50 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان بولاتتى، بىراق 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققاندىمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان بولسىمۇ ئوخشاشلا خۇشال بولغان بۇلاتتىم، مەنمۇ ناھايىتى قانائەتلەندىم، ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

فېڭ ئەپەندى 5080000 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى مۇكاپات ناھايىتى تاساددىپىيلىق، ھازىر تېخى قانداق ئىشلىتىشنى ئويلاشمىدىم، لېكىن كۈنلىرىمىز نورمال، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشمۇ نورمال بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاقىلانە تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى.

分享到: