新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى «يېڭى ماھىر» 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-20 13:40作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، «يېڭى ماھىر» لاتارىيە بېلىتىنى مۇنداقلا قىرىپ 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر غۇلجا شەھىرىدىكى لاتارىيەچىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى، گەرچە بۇ مىليون دەرىجىلىك كاتتا مۇكاپات بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر غۇلجا شەھىرىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينايدىغان پېشقەدەم لاتارىيەچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. تۆۋەندە تەھرىر كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايسى تەلەيلىك لاتارىيەچىنىڭ 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە تاماقتىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىكى ياڭ ئەپەندى ئايالى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلدى، ئۇزاق ماڭمايلا، ياڭ ئەپەندى غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى 7 ـ كوچىسىدىكى لاتارىيە بېلەت سېتىش تور نۇقتىسىنى كۆردى، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى مەستانى بۇلۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى كۆرسىلا بىر نەچچە پارچە قىرمىسا بولدى قىلمايتتى. ياڭ ئەپەندى سېتىش تور نۇقتىسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە قۇتىسىنىڭ ئىچىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، قىممىتى بەش يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىدىن ئۈچنى ئالدى، ئەپسۇسلىنارلىقى ھەممىسىدە مۇكاپات چىقمىدى. مىجەزى ئوچۇق ئايالى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ:«ـــ مەن سىناپ باقاي، گەرچە مەن ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى قىرىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈن يېڭى ئۆگەنگۈچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تەلىيىمنى سىناپ باقاي!»-دېدى.

ياڭ ئەپەندىنىڭ ئايالى كۆپ خىل «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى تۈرى ئىچىدىن تاللاشقا باشلىدى، ئۇ خۇددى بىر خىل تەقدىرنى ئىزدەۋاتقاندەك، ئاخىرىدا ئۇنىڭ دىققىتى قىممىتى 10 يۈەنلىك «گۈل ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» غا مەركەزلەشتى. ئۇ بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ چىقتى، يولدىشى قىرىپ بولغان لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ، ئارقىدىنلا ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ ۋاھ، 50 مىڭ يۈەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ، بۇ قانداق تەلەي!»-دەپ ۋاقىراپ كەتتى، ئايالى: « ھا، ھا، ئەمدى قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇش پۇلى بىلەن تۇرمۇش خىراجىتىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بۇلىدىغان بولدى! بەك ياخشى بولدى! »-دېدى.

بۇ قاينام ـ تاشقىنلىق مەنزىرە تەخمىنەن بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى، ئىشتىن كېيىن ساتقۇچى خادىملار ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«يېڭى ماھىرنىڭ 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ، شۇ كۈنى كەچتە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى، گەرچە چوڭ مۇكاپات چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا، كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، تەلەي سىناپ بېقىڭ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ! پاراۋانلىق لاتارىيە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ!»-دېدى.

16.png

分享到: