سانجىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-10-21 13:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «مەخسۇس مېھرى» لاتارىيە بىلەت تۈرىنى قىرىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى ئاستا-ئاستا قىرىش بىلەن، ئارزۇ-ئارمانلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى دەرھال مۇكاپات ئېچىش، دەرھال نەقلەشتۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇشخەۋەر يەنە بىر قېتىم تارقالغاندىن كېيىن، لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كۆڭلىدە سىزىمى بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرغاندىن كىيىن، پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى بىلەت تۈرى «ئوۋيې 哦耶» دا 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، ليۇ ئەپەندى بولسا بىر سادىق لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر نەچچە پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرىپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدىكەن، مانا مۇشۇنداق كۈندىلىك ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش جەريانىدا، ليۇ ئەپەندى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ياخشى تەلەيگە ئېرىشتى! 10 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ليۇ ئەپەندى سانجى شەھىرىدىكى 65230314 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر نەچچە پارچە شىنيىنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، دەسلەپتە ئۇدا بىر نەچچە پارچە قىرغاندىن كىيىنمۇ مۇكاپات چىقمىدى، ئاندىن ئۇ قايتا سىناپ بېقىش روھىي ھالىتىدە يەنە ئىككى پارچىسىنى ئارتۇق سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئىككىنچى پارچىسىغا كەلگەندە مۆجىزە كۆرۈلۈپ، تۇنجى قېتىمدا 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى. سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، ليۇ ئەپەندىنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: « پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ھەم تەسىرلىك، ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، ھەمىشە ماڭا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر قېتىم مەنمۇ كۆپ سېتىۋالمايمەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون پارچە ئەتراپىدا سېتىۋالىمەن. لاتارىيە بېلىتىنى تاللىغاندا، مەن دائىم خىللاپ باقىمەن، ئاخىرقى نومۇر ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نۇمۇر بېلىتى ياكى ئاخىرقى نومۇرنىڭ ياخشىراق بېلىتىنى تاللايمەن، مەسىلەن، 66-، 88-نومۇرلۇق لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالىمەن، بۇ نۇمۇرلارنىڭ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا كۆپچىلىك پاراۋانلىقىغا تۆھپە قۇشۇپلا قالماي، ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇنداق ياخشى ئىشنى قانداقمۇ ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرالايمىز، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، بۇ چاغدىكى كەيپىياتىمنى قانداق سۆز بىلەن سۈپەتلەشنى ھەقىقەتەن بىلەلمىدىم، بۇ ئامەت ھەقىقەتەن بەك تۇيۇقسىز كەلدى!-دېدى. (سانجى يەنياۋ) |