ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىخەنزىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 601690 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-22 17:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

شىخەنزىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بولغان بۇلۇپ، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە يېڭى ئويۇن، يېڭى بېلەت تۈرى چىقسا، ئۇ دەرھال سىناپ باقاتتى، ۋاڭ ئەپەندى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى. 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى دوستىنى 147 ـ تۈەنگە ئىش بېجىرىشكە ئېلىپ باردى، قايتىش سەپىرىدە بىر ئاي ئىلگىرىكى 147 ـ تۈەننىڭ 65030044 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن بىر دو قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ كاتتا مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى ئويلاپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئادرېسىنى تېپىپ، بىۋاسىتە ئاپتوموبىل بىلەن بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا باردى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندە، مال ساتقۇچى شياۋ ماۋ ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ـــ «مەن تەلەي سىناپ باقماقچى، تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ماڭا ئاپتوماتىك بەش دو "قوش رەڭلىك توپ" لاتارىيە بېرىڭ، ھەممىسىگە بەش ھەسسە ئۇراي!»- دېدى ۋاڭ ئەپەندى، لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ بولۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتتى، ئۇ ئەتىسى ئۆزى تاللىغان ھېلىقى بەش يۈرۈش نومۇرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى، بۇ ئۇنىڭ بەش دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 600 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.

ۋاڭ ئەپەندى باشقا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ئازراق ئوخشىمايتتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە ئۇ خېلى تەمكىن كۆرۈنەتتى، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: « گەرچە بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، بۇ ھازىر بار بولغان تۇرمۇشنىڭ گۈللىرىگە گۈل قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، كېيىنكى كۈنلەرنى بۇرۇن قانداق ئۆتكەن بولسا شۇنداق ئۆتىدۇ، تۇرمۇش دېگەن كۆڭۈللۈكنى توختىتىپ تەمكىن ساقلاشتۇر! بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى "قوش رەڭلىك توپ" ئۇيۇنى كاتتا مۇكاپاتى چىققان، مەنمۇ داڭقىنى ئاڭلاپ بارغان، ئويلىمىغان يەردىن تەلىيىم كېلىپ ماڭىمۇ چوڭ مۇكاپات چىقتى، مەنمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن، بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن.» » -دېدى.

(شىخەنزە جاڭفەن)

5.png

分享到: