ئامەتلىك لاتارىيەچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-10-25 12:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى ئىزچىل دو تىكىش ئاددىي، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، قىزىقارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى. 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ئەلى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) «تاق تاللاش + گۇرۇپپا تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 50 ھەسسە دو تىكىپ، 60650 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ھەممەيلەن بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچىلەرگە ھەۋەس قىلىشتى! 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، تەلەيلىك تەلەيلىك لاتارىيەچى ئەلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئەلى ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ 3D ئويۇنى بازارغا سېلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا بۇ ئويۇن تەرىپىدىن چوڭقۇر جەلپ قىلىنغان، ئادەتتە كۈندىلىك خىزمەتتىن باشقا، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا 3D ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشتىن باشقا، يەنە بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئۆزى بىر خۇشاللىق! » دېدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى، ئەلى ئەپەندى ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىۋاتقاندا، قەشقەر شەھىرىدىكى 65310126 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، تەلىيىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىپ كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نومۇرنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر ئەلى ئەپەندى ئەزەلدىن بىر خىل نومۇر تاللاش ئۇسۇلىنى مۇقىملاشتۇرمىغان، ئۇ نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئارقىلىق كۆزىتىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك نومۇرنى تاللىغان ھامان، خۇشخۇي ھالدا ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ، ھەسسىلەپ دو تىكىش نۇمۇرىغا كەلسەك، ئۇ تاللىغان نومۇر ياخشى كۆرۈش دەرىجىسىگە باغلىق ئىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلى ئەپەندى: « بۇ نومۇرنى مەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ساقلىدىم». ئەسلىدە، بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇ 3D نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن "2، 1، 0" دىن ئىبارەت ئۈچ رەقەمنى تاللاپ چىققان، لېكىن شۇ قارار بۇ ئۈچ نومۇرنى ئاچمىغان، ئۇ بۇ ئۈچ سانغا ناھايىتى ياخشى قارىغانلىقتىن، ئىزچىل دو تىكىشنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ھەر قېتىمدا ھەسسىلەپ دو تىككەن. « مەن ھامان بىر كۈنى چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، مانا كاتتا مۇكاپات چىقتى!»ـــ دېدى ئەلى ئەپەندى. بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىشنى سورىغاندا، ئەلى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « مەن ئايالىم بىلەن دېيىشىپ قويغان، مۇكاپاتنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەۋە، مېنىڭ بۇ پۇلنى ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوق! ھا، ھا، ھا! »-دېدى. |