新闻详情

كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ساياھەتكە بېرىشنى پىلانلىدى

发表时间:2021-10-27 13:39作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى بۇ يىل شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش، مۇكاپات دەرىجىسى مول بولۇش، مۇكاپات نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدا، لاتارىيەچىلەرمۇ «سەككىز ئەۋلىيا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى» كەندەك كارامەتلەرنى كۆرسەتتى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى.

9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى كەچتە، يەكەن ناھىيەسى جىخۇي ئولتۇراق رايونى بىناسىنىڭ ئاستىدىكى 65310263 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى بەشنى تاللاش ئۇسۇلىغا دەن 3 تو 39 غا دو تىكىپ،   «شادلىق 8» ئويۇنى 2021253 ـ قارارلىق ئويۇندا 52308 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«يېڭى ئويۇن ئويناش، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىنارلىق ئىش!»، بۇ پونكىتتىكى مال ساتقۇچى شياۋ چېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى ئىنتايىن ھاياجانلانغان، بۇ ئۇنىڭ «شادلىق 8» نى سېتىۋالغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات پۇلى ئىكەن. ۋاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپلىگەن لاتارىيە ئويۇنلىرى ئىچىدە، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك خۇش قىلىدىغىنى يەنىلا "شادلىق 8" ئۇيۇنى، "شادلىق 8"ئويۇنى بۇ يىل بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان بۇ ئويۇنغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ، لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز كۆپ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان. دەسلەپتە "شادلىق 8" بىلەن ئۇچراشقاندا، دائىم ئەتراپىدىكى لاتارىيەچىلەردىن تەجرىبە ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىنى خۇلاسىلەپ، ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش دو تىكىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەن.

«شادلىق 8» ئويۇنى 2021253-قاراردا، ۋاڭ ئەپەندى بەشنى تاللاش دەنتو بىر دو نۇمۇرغا كۆزى چۈشۈپ، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، دو تىكتى. ۋاڭ ئەپەندىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەجىربە بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ دو تىكىش ئۇسۇلى ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئىدى، بۇمۇ ئۇنى خۇشال قىلىدىغان ئۇسۇل ئىدى.

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«دۆلەت بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، بۇ مۇكاپات بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىشنى پىلانلىدۇق!»_دېدى.

分享到: