ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى مۇكاپات پۇلىغا كۆڭلىدىكى ماشىنىنى سېتىۋالدى

发表时间:2021-10-27 18:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى   قىزىقارلىق بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىشتىكى يېڭى تاللىشى بولۇپ، لاتارىيەچىلەرگە كەيپىياتنى تەڭشەپ، كۆڭۈل ئېچىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، لاتارىيەچىلەرگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدا كاتتا مۇكاپاتلار كەينى ـ كەينىدىن بارلىققا كەلدى، ئامەت ئۈزۈلمىدى! مانا، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچىلەر ئەي ئەپەندى 250 مىڭ يۈەنلىك « گۈزەل يۆگىمە رەسىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچراشقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ئەي ئەپەندىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى، «لاتارىيە بېلىتىنى قىرىغاندىن كىيىنلا مۇكاپات چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەن ئاددىي، بىۋاسىتە، چۈشىنىشلىك بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن»-دېدى ئەي ئەپەندى. گەرچە ئىلگىرى چوڭ مۇكاپات چىقىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك مۇكاپات دائىم ئۈزۈلمەيتتى. ئەي ئەپەندى دائىم ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى 65422103 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە سېتىۋالاتتى، ئەي ئەپەندى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناشتىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە بۇلۇپ، يەنى بىر قېتىمدىلا كۆپ خىل بېلەت سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «تورنى كەڭ تاشلاپ، بىلىقنى كۆپ تۇتۇش» دەپ ئاتىلىدىكەن.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەي ئەپەندى كۆرگەزمە قۇتىسىنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە خىل ئۆزىنى مەھلىيا قىلغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن، بىر چەتكە ئۆتۈپ ئولتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە « گۈزەل يۆگىمە رەسىم» دىكى « مۇكاپات نومۇرى» 01 « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ بىرىنچى قاتار ئىككىنچى رەتتە پەيدا بولدى، ئەي ئەپەندىنىڭ لاتارىيە بېلىتى قىرىش ئادىتى بولسا، ئالدى بىلەن بارلىق سانلارنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن مۇكاپات سوممىسىنى قىرىش ئىدى. « بۇ لاتارىيە بېلىتىگە مۇكاپات چىققانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشنى داۋاملاشتۇردىم، ئەسلىدە كىچىك مۇكاپات ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، مۇكاپات سوممىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، كۆزۈمنى نەچچە قېتىم ئۇۋۇلاپ، ئاندىن 250 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈردۈم!»-دېدى ئەي ئەپەندى.

ئەي ئەپەندى مۇنداق دېدى: چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ بۇنىڭ راست ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، بۇ كاتتا ئامەت ماڭا كەلدى، بىر ماشىنىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ھازىر بۇ مۇكاپات پۇلى بار بولدى، ئەمدى بېرىپ ماشىنىنى ھەيدەپ كەلسەم بۇلىدۇ!»-دېدى.

分享到: