新闻详情

مەن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا خۇشاللىققا ئېرىشتىم

发表时间:2021-11-03 12:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، بازارغا سېلىنىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆپچىلىكنى جەلپ قىلدى.

«"قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى ئويناشتا يەنىلا "دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي" نى ئويناش كېرەك، چۈنكى ئۇ راستتىنلا دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ!»، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئۇيۇنىدا 100000 يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جاۋ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، بىر قولىدا«دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» مۇكاپات لاتارىيە بېلىتى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلىدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جاۋ ئەپەندى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ ساياھىتىنى باشلىدى، « چوڭ بازار، مۇزېي، گۇڭمى كوچىسى، ئورمان باغچىسى، خۇڭگۇاڭشەن.... » جاۋ ئەپەندى بارمىقى بىلەن دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېرىشقا تىگىشلىك جايلارنى ساناپ چىقتى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىردىنبىر بېرىپ باقمىغىنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بولدى. جاۋ ئەپەندى 7-ئۆكتەبىر كەچتە دائىم بارىدىغان 65010355 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، قىممىتى ئوخشاش بولمىغان نەچچە ئون پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلەي سىنىدى.

جاۋ ئەپەندى قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قىرىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرىۋاتاتتى، «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتىدە ئۈچ ئوخشاش سۈرەت بەلگىسى پەيدا بولغاندا، ئويۇننىڭ قائىدىسىگە پىششىق بولغان جاۋ ئەپەندى دەرھال ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال مۇكاپات بەلگىسىنىڭ ئاستىدىكى كونكرېت مۇكاپات سوممىسىنى تەكشۈردى. «100000¥» دېگەن رەسىم پەيدا بولدى، بۇ قىلچە پىسخىكا تەييارلىقى بولمىغان جاۋ ئەپەندىنى ھەيران قالدۇردى، نەچچە قېتىم قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

« مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى خۇشاللىققا ئېرىشىش، پاراۋانلىق لاتارىيە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى ماڭا بۇ خىل خۇشاللىقنى ئاتا قىلدى، كېيىن داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ، داۋاملىق خۇشاللىق ئىزدەيمەن. »ــ دېدى جاۋ ئەپەندى.


分享到: