ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى لاتارىيەچى دوستلارغا «خۇشاللىق» ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-11-09 12:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئاللىقاچان مەملىكەت بويىچە لاتارىيەچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان « يىل ئاخىرىدىكى خۇشاللىق» قا ئايلاندى، ھەر يىلى بۇنداق بىر «خۇشاللىق» كەلمىسە، كۆڭلىمىزدا بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىپ قالىمىز. مانا، 2021-يىلىدىكى« كاتتا خۇشاللىق» يېتىپ كەلدى! ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە لاتارىيەچىلەرنىڭ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

قايناق خۇشاللىق ئىچىدە بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، توپتوغرا 20 قارار داۋاملىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2021131 قارار (مۇكاپات ئېچىلىش ۋاقتى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ) دىن باشلىنىدۇ، مۇكاپات تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ھەممىسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى تەڭشەش فوندىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتلار كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ تەلەيگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى تەخمىنەن 20 قارار قانات يايدۇرۇلىدۇ، لاتارىيەچىلەر دو تىكىش ئۇسۇلىنى تولۇق تاللاپ، سېتىۋېلىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلىدە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 20 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇ قېتىمقى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى 2008 ـ يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر كۈتۈۋالغان 14 ـ قېتىملىق قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر ئەزەلدىن لاتارىيەچىلەر بىلەن دوست بولۇپ كەلگەن، ئىلگىرىكى يىللاردىكى قوش رەڭلىك توپ مۇكاپاتى پائالىيىتىدە ياخشى نەتىجىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلگەن، ئاجايىپ مۇكاپاتلار نامايەن بولغان. بۇ قېتىمقى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرگە ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، ئىشىنىمەنكى لاتارىيەچى دوستلار چوقۇم كۆڭۈل ئېچىشقا، ئەقىل ـ ئىدراكلىق ھالدا پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئاكتىپ بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.



分享到: