新闻详情

ئامەتلىك يىگىت مەۋلان 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-16 13:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتە، قەشقەر شەھىرى 65318048 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى مەۋلان (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولدى، ۋە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتتى.

مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالى بەك ئىسسىق بۇلىشى ياكى مەۋلان ئەپەندى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىدا، مەۋلان بىر تەرەپتىن يۈزىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولى بىلەن سۈرتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ياخشى تەلىيىگە توختىماي ئاپىرىن ئوقۇدى. ئىگىلىنىشىچە، مەۋلان خوتەن شەھىرىدىن بولۇپ، قەشقەرگە كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە ئويناپ، تەلىيىنى سىناپ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى « نۇقتا توپ جېڭى» ئۇيۇنىدا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ـــ «مەن بۇنداق تەلىيىمنىڭ بولۇشىنى، بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.»-دېدى مەۋلان كۈلۈپ تۇرۇپ. 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى كەچتە، ئىشتىن چۈشكەن مەۋلان 65318048 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كىرىپ بىر نەچچە تال «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ۋە يەنە ئالتە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۈچىنچى پارچىسىغا كەلگەندە، مەۋلان لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى « توپنى پەرەز قىلىش سانى» نى ئويناش ئۇسۇلىدا، «مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» بىلەن «مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ پۈتۈنلەي بىردەك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنىڭ «200000» ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مەۋلان كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، ئۇ نۇرغۇن قېتىم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

مەۋلان مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن ھېلىھەممۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن، تەلىيىمنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، بۇ پۇلنى ئايالىمغا تاپشۇرىمەن، قانداق ئىشلىتىشنى ئايالىم پىلانلايدۇ»-دېدى.


分享到: