新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسى ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى مەنىلىك قىلدى

发表时间:2022-01-05 17:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« ياشانغانلارنى يۆلەش» پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تارقىتىشنىڭئاساسىي مەقسىتىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ « خەلقتىنئېلىپ، خەلققە ئىشلىتىش» تەك ئىجتىمائىي ۋەدىسىدۇر.

يېقىنقىيىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنىپائال قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكىكەمتۈكلۈكلەرنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشنى زورايتىپ،تۈرلۈك ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىكقىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىنبەھرىمەن قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

بۇيىل توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش دەرىجىسىبويىچە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ياشانغانلار كۆپچىلىك پاراۋانلىقى تۈرىگە 200 مىڭ يۈەنمەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ، ئاقتۆبېك بازىرى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشقائىشلەتتى.

12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىر ئاقتۇبېك بازىرى بەرپا قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسالمەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، ئىشچىلارنىڭ جىددىي، تەرتىپلىك قۇرۇلۇشقىلىپ، تۈرنىڭ چاغاندىن بۇرۇن تاپشۇرۇلۇشى ھەم نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىيكاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

4.png1.png

ئىشچىيۈكسەل يۈسۈپجان مۇنداق دېدى:«ھازىر تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئاساسىي جەھەتتىنتاماملاندى، ھازىرقى باسقۇچتىكى خىزمەت ۋەزىپىسى سان ـ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغانئاساستا ئىچكى قىسىمنى بېزەش خىزمىتىنى تېزلىتىش بولۇپ، 27 ـ ئاۋغۇست تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە.»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە،ئاقتۆبېك بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن489 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىچىدە ئانار دانىسى كۇتۇپخانىسى، ياشانغانلار پائالىيەتئۆيى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق كۆپلىگەن فۇنكسىيەلىكئۆيلەر بار بولۇپ، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.

ئۇنىڭدىنباشقا، بارلىق مەيدان، كۆڭۈل ئېچىش ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەنبولۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاپلىغان زامانىۋى، كۆپئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت پونكىتى ھېسابلىنىدۇ.

2.png4.png3.png

ئاقتۇبېكبازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى چىن جىچياڭ مۇنداق دېدى:«ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەتمەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ياشانغانلار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت، مەنىۋى تۇرمۇشىنىھەقىقىي بېيىتتى، كېيىنكى قەدەمدە، مەدەنىيەت مۇلازىمەت پونكىتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت،كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى شەكلى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈلئېچىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكىئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىشتۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. »-دېدى.

كەچكىشەپەق تېخىمۇ قىزىل، كەچكى شەپەق تېخىمۇ گۈزەل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتاراناھىيەسى تۈرلۈك «ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش، ياشانغانلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش»پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارغاياردەم بېرىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملارغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقىبارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتائەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

خەلقئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى داڭ چۈەنجى: « ياشانغانلار جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىيقىسمى، كېيىنكى قەدەمدە بىز داۋاملىق ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىلزىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ياشانغانلار ئۈچۈن<ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقىبولۇش، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇش> تەك گۈزەل مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇكۆپ ياشانغانلارنى پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىگۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىمىز»-دېدى.

مەنبە:توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

分享到: