新闻详情

3D ئۇيۇنى يېڭى يىلدا كاتتا سوۋغا تەقدىم قىلىشنى باشلىدى

发表时间:2022-01-13 17:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

3D ئۇيۇنى يېڭى يىلدا كاتتا سوۋغا تەقدىم قىلىشنى باشلىدى، ئىلىدىكى لاتارىيەچىلەر كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

2022-يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، « 3D» ئويۇنى 25 مىليون كىشىلىك مۇكاپات + ئاۋدى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلى قوش سوۋغات قىلىپ، شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرىگە جاۋاب قايتۇردى! مۇشۇنداق كاتتا خۇش خەۋەرگە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى 3D ئۇيۇنى لاتارىيەچىلىرى نېمە دەيدۇ؟ قېنى تەھرىر بىلەن بىرگە ئاڭلاپ باقايلى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىلىرى مۇنداق دېدى:

كۈيتۈن شەھىرى 65400149 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ، چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تەشۋىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئېلان قىلىش كېرەك. مۇكاپات تارقىتىشىن بۇرۇن مېنىڭ نۇقتىلىق قىلىدىغان ئىشىم ئۇچرىغانلا ئادەمگە سۆزلەپ بېرىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە 3D ئويۇنى مۇكاپات تەشۋىقات قوليازمىسى، سىن، ئېلان قاتارلىقلارنى يوللاش، لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدى.

توققۇزتارا ناھىيەسى 65418083 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى مۇنداق دېدى:«مەن لاتارىيەچى دوستلارغا مېۋە ـ چېۋە تەييارلىدىم، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرالايدۇ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۈچۈن ئادەم يىغىشىم كېرەك»-دېدى.

چاپچال ناھىيەسى 65410226 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ساتقۇچىسى مۇنداق دېدى:«مەن بىر قاتار تەييارلىقلارنى قىلدىم، پونكىت ئىچى پاكىز، رەتلىك، ھەمدە ئىچىملىك، گازىر، يېشىللىق، بايرام كەيپىياتى بىزنىڭ بۇ يەردە بار، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ! »-دېدى.

كۈنەس ناھىيەسى 65410231 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقى 3D ئويۇن پائالىيىتى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكىلى بۇلىدىغان پائالىيەت! مۇكاپات تارقىتىش 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بىز پونكىتتىكى ئاساسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە پانۇس ۋە لېنتىلارنى ئېسىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ! چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك-دېدى.

分享到: