新闻详情

كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە خۇشال بولدى

发表时间:2022-01-14 19:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ« ئۇنداق ئەمەستۇ؟ 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتىمۇ! » 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021148 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى «شادلىق 8» ئۇيۇنى ئويناشقا ئامراق پېشقەدەم لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى شۇ كۈندىكى «قوش رەڭلىك توپ » نىڭ مۇكاپات ئېچىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمىدى. شۇ كۈنى كەچتە بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، ۋۇ ئەپەندى كاتتا مۇكاپات خوشاللىقىغا غەرق بولۇپ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۈتۈپ ساقلاپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە تەقەززار بولدى.

ۋۇ ئەپەندى 27 ـ دېكابىر چۈشتە قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئېلىش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ۋۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا بىر مەزگىل بولغان، ئۇ ۋاقتى بولسىلا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نومۇر يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىدىكەن، لاتارىيە سېتىۋالغاندا پەقەت سېزىم بولسىلا، ئۇ دو تىكىدىكەن، ھەرقانداق پۇرسەتنى بوش قويۇۋەتمەيدىكەن.

12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتە، ۋۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ تۇرۇپ دو تىكتى. نومۇرنى تاللاپ بولۇپ، دو تىكىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، يان تەرەپتىكى بىر لاتارىيەچى دوستى بىلەن غودۇڭشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: « مەن كۆك توپ نومۇر 03، قىزىل توپ نومۇرى 12 دا بۈگۈن مۇكاپات چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم». ۋۇ ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمدىلا دو تىكىش ئالدىدا تۇرغان نومۇرنى قايتۇرۇۋالدى، نومۇرنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ يەنە ئويلاندى، قارىغانسېرى قىزىل توپ نۇمۇر 12 چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ بېلەت كەسكەندە، « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، دەنتو + قايتىلانما گۇرۇپپىلاپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىككى كۆك توپ نۇمۇر 03، 07 نى تاللاپ، قىزىل توپ نۇمۇر 12 نومۇرنى دەنما قىلىپ، دەن 1 تو 7 بويىچە دو تىكتى، دو تىكىش سوممىسى 84 يۈەن بولدى. دو تىكىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان لاتارىيە بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى كۆڭلىدە ناھايىتى خۇشال بولدى، گويا كاتتا مۇكاپات قولغا چۈشكەندەك بولدى.

شۇ كۈنى كەچتە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بويىچە مۇكاپات ئېچىلغاندا، ۋۇ ئەپەندى مۇكاپات نومۇرىنى سېلىشتۇرۇۋاتقاندا، ئۆزىگە 6 دانە قىزىل توپ تەگكەنلىكىنى بايقىدى، گەرچە كۆك توپنىڭ بىرسىمۇ تەگمىگەن بولسىمۇ، بەختكە يارىشا 2 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 20 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 20 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 303954 يۈەنگە يەتتى، بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى ۋە خۇشال قىلدى.

ۋۇ ئەپەندى مۇكاپات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«قايتىپ بارغاندىن كېيىن، "قوش رەڭلىك توپ" ۋە "شادلىق 8" ئۇيۇنىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن، شۇنداقلا يەنە بىر چوڭ مۇكاپاتقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: