新闻详情

ياش قىز پاراۋانلىق لاتارىيە ئۇيۇنىدا 91520 يۈەن مۇكاپات ئالدى

发表时间:2022-02-18 18:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، 3D ئويۇنى 25 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان 7-كۈن. قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى سەنيۈەن يولى 65020016 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا 88 دو 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 91520 يۈەن بولدى.

1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 90 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر قىز قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات نەقلەشتۈردى، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلگەن لاتارىيە بېلىتى دەل 88 دو 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيە بىلىتى ئىدى. شۇنچە كۆپ ھەسسىلەپ دو تىكىش، ئورۇن بەلگىلەش نومۇرى شۇنچە توغرا بولغاچقا، خىزمەتچى خادىملارنى ھەيران قالدۇردى، خىزمەتچى خادىملار ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلىدە: « ھازىرقى 3D ئۆزى ياش بولغان بىلەن، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش سەۋىيەسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياش قىز ئەسلىدە دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات ئالغىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى 3D ئويۇنىدىكى كونا لاتارىيىچى ئىكەن، لېكىن خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بۇ ياش قىز دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن. 3D ئويۇنىغا 25 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، دادام خېلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، 1-ئاينىڭ 9- كۈنى 1 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 1040 يۈەن بولدى، بۇنىڭغا 460 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى قوشقاندا جەمئىي 1500 يۈەن مۇكاپات چىقتى. 1-ئاينىڭ 12- كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، سائەت 9 دىن ئاشقاندا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «952» غا دو تىكتى، يەنە خۇشال ھالدا 88 ھەسسە دو تىككەنلىكىنى ئېيتتى. ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى 2022012-قارار مۇكاپات نومۇرى «952» بولدى، كاتتا مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 91520 يۈەن بولدى.

بۇ ياش قىزنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق ئىكەن، مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا بىر نەچچە قۇر ياخشى كىيىم، مول چاغانلىق مال سېتىۋېلىپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يولۋاس يىلىدا بەخت-سائادەت، ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

分享到: