新闻详情

مال ساتقۇچى شياۋ لى: لاتارىيەچىلەرنى تۇغقىنىم دەپ بىلىمەن

发表时间:2022-02-25 18:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 25 مىليون يۈەن (شىنجاڭ رايونى بويىچە) مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى لاتارىيەچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، كەڭ لاتارىيەلىكلەرگە پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

پۈتكۈل مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى ئەسلىسەك، سانجىدىكى لاتارىيەچىلەر ھەقىقەتەن مول ھوسۇل ئالدى، پائالىيەت مەزگىلىدە، چوڭ كىچىك مۇكاپاتلار ئارقا ـ ئارقىدىن تارقىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى ھەممە يەردە تارقالدى.

(65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلەتلەر)

مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئىشىك ئالدىدىكى تەشۋىقات ئېلانى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر يىراقتىن كېلىپ نومۇر تاللاش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشتى، بىر مەھەل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغالدى.

پونكىت ئىچىدىكى تامغا لىق تولغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋ لى ئۇچرىغانلا ئادەمگە:«بۇ قېتىمقى 3D ئۇيۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى مەزگىلىدە پونكىتىمىزدا ھەر كۈنى مۇكاپات چىقىپ تۇرىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى تامغا لىق چاپلانغان»-دېدى. ئىگىلىنىشىچە، 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى سانجى شەھىرى نىڭبيەن شەرقىي يولى ئوبلاستى سەنجيەن يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، مال ساتقۇچى شياۋ لى ئەر ـ خوتۇن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا تىجارەت قىلغىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن باشتىن ـ ئاخىر سەمىمىي تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئارقىلىق ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالماي، لاتارىيەچى دوستلارغا ئەقلىي ئۇسۇلدا لاتارىيە بېىلىتى سېتىۋېلىش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشتەك پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاشتەك مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتە توغرا يېتەكچىلىك قىلدى.

«لاتارىيەچىلەرنى تۇغقىنىم دەپ بىلىمەن، لاتارىيەچىلەر پونكىتنى ئائىلىسى دەپ بىلىدۇ-دېدى مال ساتقۇچى شياۋ لى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى ياخشى باشقۇرۇشتا، مۇلازىمەت ئەڭ مۇھىم، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پاكىز ئۈستەلورۇندۇق، كەسپىي نومۇرلارنىڭ تارقىلىش ئىسخېمىسى، ھەر بىر سان مۇكاپات نومۇرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ھازىرلىدى. لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە لاتارىيە بېلىتىگە ئالاقىدار كىتاب، ژۇرناللارنى سېتىۋېلىپ تەتقىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

ئاخىرىدا، شياۋ لى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان ھەر بىر لاتارىيەچى دوستلارنىڭ 2022 ـ يىلى يولۋاس يىلىدا، بەخت ـ سائادەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

(سانجى لىنفېڭ)

分享到: