新闻详情

لاتارىيەچى دوستىنىڭ زورلىشى بىلەن 121624 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-03-21 18:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2022022 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، غۇلجا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لۈ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 121624 يۈەن بولدى. لۈ ئەپەندى يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرگەندە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم پۈتۈنلەي دوستۇمنىڭ تۆھپىسى!

گەرچە لۈ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانقىنىغا تۆت يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۆت يىل جەريانىدا ئۇ ئاندا-ساندا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، ئەمما ئەزەلدىن قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى سىناپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ نومۇر تاللاشنى بەك ئاۋارىچىلىق دەپ قارايتتى.

2- ئاينىڭ 28- كۈنى، لۈ ئەپەندى يېقىن دوستىنىڭ زورلىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى 65410374 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ قىرىپ بولغاندىن كىيىن، يېنىدىكى نومۇر تاللاۋاتقان دوستى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: « سىزمۇ بىر نەچچە تال قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنى تاللاڭ! تەلەي سىناپ باقماي تۇرۇپ نەدىمۇ مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولسۇن؟»-دېدى، لۈ ئەپەندى يېقىن دوستىنىڭ زورلىشى بىلەن بەش دو نومۇر تاللىدى. ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداق تاسادىپىي تاللاش ئارقىلىق لۈ ئەپەندى 121624 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لۈ ئەپەندى:« بۇ قېتىمقى مۇكاپات ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسماندىن چۈشكەندەك چىقتى! دوستۇم ناھايىتى رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: