新闻详情

چىن ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-15 11:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئېچىلىش تىپىدىكى لاتارىيە بىلەت تۈرى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى، لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ بولغان ھامان مۇكاپات چىققان-چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ بىر خىل ئېچىلىپلا نەقلەشتۈرۈشگىلى بۇلىدىغان ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. 4- ئاينىڭ 3- كۈنى، قومۇل شەھىرى گۇاڭدا ئولتۇراق رايونى 65228012 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى چىن ئەپەندى، بەختكە يارىشا قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئارزۇدىن ھالقىش» لاتارىيە بىلىتىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتە، چىن ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 65228012 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «قوش رەڭلىك توپ» ۋە «شادلىق 8» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتىدىن بىر نەچچە پارچە سېتىۋالماقچى بولدى، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، خالىغانچە بىر نەچچىنى تاللاپ دو تىكتى ، ۋە كەتمەكچى بولغاندا بىر چەتتە تۇرغان كۆرگەزمە قۇتىسىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلەتلىرىگە كۆزى چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن سولدىن ئوڭغا قاراپ تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا «ئارزۇدىن ھالقىش» لاتارىيە بىلەت تۈرىدىن بىر نەچچە پارچە تاللاپ سېتىۋالدى.

لاتارىيە بىلىتىنى بىر-بىرلەپ قىرىشقا باشلىدى، تۆتىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 50 يۈەن مۇكاپات چىقتى، چىن ئەپەندى يەنە 10 يۈەن چىقىرىپ ساتقۇچىغا بېرىپ: « بۇ بېلەتتىن يەنە ئۈچ پارچە سېتىۋالاي، مۇكاپات چىقىشىغا ئىشىنىمەن!»-دېدى. ئۈچ پارچە «ئارزۇدىن ھالقىش» نى ئېلىپ، چىن ئەپەندى داۋاملىق قىرىشا باشلىدى، ئۇ ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن چىن ئەپەندى ھەيران قالدى، لاتارىيە بىلەت يۈزىدىكى «مېنىڭ ۋاقتىم» 32، « رەقىبلەر ۋاقتى» 36 بولدى، ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەگەر« مېنىڭ ۋاقتىم» « رەقىبلەر ۋاقتى» دىن كىچىك بولسا، بۇ ئويۇننىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ماس كىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 10000 بولۇپ، بۇ لاتارىيە بىلىتىدىن 10000 يۈەن مۇكاپات چىققان ئىدى.

چىن ئەپەندى خۇشاللىقىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، دەرھال مال ساتقۇچى شياۋ خەننى چاقىرىپ: ـــ« شياۋ خەن، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلىپ قاراپ بېقىڭ، ماڭا مۇكاپات چىققانمىدۇ؟ »-دېدى، مال ساتقۇچى شياۋ خەنتوغرا! مۇبارەك بولسۇن! 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ! دەرھال سىزگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بېرەي»-دېدى. شياۋ خەن لاتارىيە بىلىتىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، چىن ئەپەندىگە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەن «مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى» دېگەن سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن، چىن ئەپەندى خۇشاللىقىدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدى، « بۇ مېنىڭ "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى ئويناپ ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، سىزنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىڭىز ماڭا بەخت ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالىمەن.»-دېدى.

(قومۇل شەھىرى شېڭخۇي)

分享到: