新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 3D ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-22 11:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، سانجىدىكى لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئامىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن تارقالدى، لاتارىيەچىلەر مول-ھوسۇل ئالدى. 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى كەچتە، سانجىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى) دەنتو + ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 3D ئويۇنىدا 34600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن پاراۋانلىق لاتارىيە 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە قىزىقىمەن، 3D ئويۇنى ئويناش ئۇسۇلىنى بەش قولدەك بىلىمەن، بارلىق 3D ئويۇنىنىڭ دو تىكىش ئۇسۇلىنى سىناپ باقتىم، گەرچە كۆپ سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، شۇنداقلا كۆپ تەجرىبىلىك كونا لاتارىيەچى ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىت چىقسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ بىر نەچچە دو لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىمەن. "دەنتو بويىچە دو تىكىش" مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دو تىكىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، شەخسەن ئۆزۈم بۇ دو تىكىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە دو تىكىش مەبلىغىنى تېجەپلا قالماي يەنە تېخىمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن-دېدى.

3- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچ سائەت 7دىن ئاشقاندا، ۋاڭ ئەپەندى 65230152 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا 3D ئويۇننىڭ ئالدىنقى 30 قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ، 9 رقىمىنى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىدى، كۆڭلىدە دەن بىر تو يەتتە بويىچە 50 ھەسسە دو تىكىپ تەلەي سىناپ بېقىشنى ئويلىدى. بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى بۇ نومۇرغا قارىغانسېرى ياخشىدەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە 50 ھەسسە قوشۇلۇپ دو تىكتى، بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئوخشاش ئىككى پارچە 50 ھەسسە دو تىكتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي تۆت دانە ئوخشاش نومۇر ئوخشاش بولغان ھەسسە بويىچە دو تىكتى، لاتارىيە بېلىتى ئالغان ۋاڭ ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇن 2022071-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 935 بولدى، ۋاڭ ئەپەندى 200 دو گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 34600 يۈەن بولغان. « ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! »-دېدى مۇكاپات پۇلىنى ئالغان ۋاڭ ئەپەندى ناھايىتى خۇشال ھالدا.

(سانجى فېڭرۇي)


分享到: