新闻详情

خۇ ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 12010 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-26 18:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن 2 يۈەندىن 5 مىليون يۈەن مۇكاپاتنى ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىندا، «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات كۆلچىكىنىڭ سوممىسى بارا ـ بارا ئۆرلىدى، لاتارىيەچى دوستلار بەس ـ بەستە سىناپ بېقىشقا ئالدىرىدى. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» 2022040- قارارلىق مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، سانجى شەھىرى ئەسىر گۈللۈكى شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ 65230256 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا، تەلەيلىك لاتارىيەچى 12 يۈەن بىلەن دو تىكىپ 12010 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى.

مۇكاپاتنى قولىغان ئالغاندا تەلەيلىك لاتارىيەچى خۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا، بۇ نەتىجەنىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ بىر تاساددىپىيلىق ئىكەنلىكىنى، 12 يۈەن بىلەن بىراقلا ئون نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى خۇ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ياقا يۇرتلۇق بۇلۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋېلىش مەبلىغى 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە بولۇپ، مۇكاپات چىقىش ياكى چىقماسىلىقنى بەك مۇھىم دەپ قارىمايدۇ، بۇ قېتىم سانجىغا كاماندىروپكىغا چىققاندا، ئىش بېجىرىش جەريانىدا بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، بىردىنلا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن خۇ ئەپەندى 65230256 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، مال ساتقۇچى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىدۇ، يەنە نومۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى بىر ئاز كۆزىتىدۇ، سېزىمىگە ئاساسەن ئۈچ دو نومۇرىنى تاللاپ، ئىككى ھەسسە دو تىكىدۇ، دو تىكىش سوممىسى 12 يۈەن.

شۇ كۈنى كەچتە « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن، خۇ ئەپەندى ئادىتى بويىچە توردا مۇكاپات نومۇرىنى سېلىشتۇردى، تەكشۈرگەندىن كىيىن ھەر بىر نومۇرنىڭ «نومۇر بويىچە ئورۇن ئېلىشى» غا ئەگىشىپ، خۇ ئەپەندىنىڭ يۈرىكىمۇ بارغانسېرى تېزلىشىپ كەتتى، بۇ ئۈچ دو نومۇرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دو نۇمۇر بەش قىزىل توپ ۋە بىر كۆك توپ چىققان بۇلۇپ، نەتىجىدە خۇ ئەپەندى 4 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە ئىككى دو ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 12010 يۈەن بولغان.

خۇ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن:« لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، مۇكاپات چىقىپ قالسا ناھايىتى ياخشى، ناۋادا مۇكاپات چىقمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، قاتنىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىش كېرەك-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: