新闻详情

ياش يىگىت مەمەت بەختكە يارىشا 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-27 15:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

مېيتۈەن تاماق تۇشۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر يىگىت مەمەت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دائىم خېرىدارلارغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرىدۇ. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەمەت ئويلىمغان يەردىن پاراۋانلىق يەتكۈزگەن «كاتتا سوۋغات» نى تاپشۇرۋالدى، ئۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «نۇقتا توپ جېڭى 点球大战» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 200000 يۈەنگە ئېرىشتى.

مەمەتنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتى بار بۇلۇپ، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىدا ئۇ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىنايتتى. 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەمەت غۇلجا شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش تور نۇقتىسىغا بېرىپ، تور نۇقتىسىدىكى يىگىت بىلەن بىللە ئۆزى دائىم ئالىدىغان بەش يۈەنلىك «نۇقتا توپ جېڭى» ئويۇنى لاتارىىيە بىلىتىدىن ئىككى پارچە سېتىۋالدى. لاتارىيە بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەمەت دەرھال قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، مەمەت داۋاملىق خۇشال ھالدا ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىردى، قىرغاندىن كىيىن « مۇسابىقە نەتىجىسى» ۋە «مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» نىڭ ھەممىسى « بۇلۇپ چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 200 مىڭ يۈەن بولدى. مەمەت كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، ئۇ ئاۋاز چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، بەلكى ئۆزىنى توختىتىپ نەچچە قېتىم ئىنچىكە تەكشۈردى، ئاخىرىدا يەنە مال ساتقۇچىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى. مال ساتقۇچى كۈلۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: ـــ«گۇمانلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز ھەقىقەتەن 200 مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، مۇبارەك بولسۇن-دېدى.

ئەتىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالغان مەمەت خۇشال ھالدامەن بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سىرتتىن تاماق تۇشۇش بىلەن پايپېتەك بولۇپ يۈرۈيمەن، تاپقىنىمنىڭ ھەممىسى جاپالىق پۇل، تۇرمۇشىممۇ ناھايىتى زېرىكىشلىك. تۇرمۇش گەرچە جاپالىق بولسىمۇ پارچە پۇل خەجلەپ لاتارىيە سېتىۋېلىش تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسەتمىدى، ئەكسىچە نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە ئۈمىدلەرنى قوشتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ماڭا ھەقىقەتەن بەخت ئېلىپ كەلدى، چۈنكى مەن بۇ بىر نەچچە يىلدا يىغقان پۇللىرىمغا دۇكان ئېچىپ، سودا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن پاراۋانلىق لاتارىيە ماڭا 200 مىڭ چوڭ مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، بۇ مۇكاپات مېنىڭ مۆلچەرىمدىكى دۇكاننى بىر ھەسسە كېڭەيتىدىغان بولدى، مەن داۋاملىق غەيرەت قىلىپ ياخشى ئىشلەيمەن، ئىشىنىمەنكى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: