新闻详情

بازار ئايلىنىپ ھېرىپ قالغان لاتارىيەچى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-28 11:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قومۇل شەھىرىنىڭ تىيەنشەن شىمالىي يولىغا جايلاشقان 65220123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى، شەرىق شەرقتە پويىز ئىستانسىسى تەرەپكە، غەربتە دوستلۇق پىيادىلەر كوچىسىغا تۇتىشىدىغان بۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن ئەۋزەل، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بازار ئايلىنىپ ھېرىپ كەتكەن پىيادىلەر.

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان شياۋ ۋاڭ بەش ياشلىق قىزىنى ئېلىپ دوستلۇق يولى پىيادىلەر كوچىسىغا بېرىپ بازار ئايلاندى، بىر چۈشتىن بۇرۇن بازار ئايلانغان ئاتا ـ بالا ئىككىيلەن ئۆيىگە قايتىپ تاماق يېيىشكە تەييارلىق قىلدى. تېخى نەچچە قەدەم ماڭمايلا، قىزى ۋاراڭۇرۇڭ قىلىپ ھېرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، شياۋۋاڭمۇ ھېرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئەتراپقا قاراپ، ئۆزىگە تونۇش بولغان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن قىزىنى ئېلىپ 65220123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ئارام ئالدى، مال ساتقۇچى شياۋليۇ ئۇ ئىككىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بەش ياشلىق قىزچاق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، رەڭدار لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. بىر چەتتە تۇرغان شياۋ ۋاڭ سېتىۋېلىش ئويىغا كېلىپ، ئىككى پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بىلىتىنى تاللىدى. لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن بىرىنچى پارچىسىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچىسىدىكى مۇكاپات نومۇر «40» بولۇپ « مېنىڭ نومۇرۇم» دا 40 كۆرۈنمىدى، شياۋ ۋاڭ كۆڭلىدە بۇ لاتارىيە بىلىتىدىمۇ مۇكاپات چىقمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى، لاتارىيە بىلىتىنى پۇكەيگە قويۇپ، ساتقۇچىغا تاشلىۋېتىشنى ئېيتىپ، قىزىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. ياندا تۇرغان مال ساتقۇچى شياۋليۇ ئۇنى چاقىرىپ: ـــ« يىگىت، بۇ لاتارېيەدە مۇكاپات چىقىپتۇ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرمەمسىز؟»-دېدى، شياۋليۇنىڭ بۇ گېپىدىن شياۋۋاڭ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، مۇكاپات چىقمىغان تۇرسا، قانداق ئىش؟ شياۋليۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش قائىدىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، شياۋۋاڭ «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇكاپاتل رايونىنىڭ سان بولماستىن، بەلكى «كۈچ بېرىش قول ئىشارىتى» بەلگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى، يەنە مۇكاپات قائىدىسىنى كۆرۈپ، پەقەت «كۈچ بېرىش قول ئىشارىتى» دېگەن بەلگىنى چىقسىلا، ئويناش ئۇسۇلى رايونىدىكى بارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

دو تىكىش ماشىنىسىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن جەمئىي 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقى ئىنىقلاندى. بۇ خۇش خەۋەر شياۋۋاڭنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، ئۇ دەرھال قىزىغا:«ـــ مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق، ياخشى تاماق يەپ تەبرىكلەيلى!»-دېدى.

(قومۇل شەھىرى   خې جۈنيىڭ)

分享到: