新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا 13300 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-29 15:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022042 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى لاتارىيە بازىرىدا مۇكاپات چىققانلىق توغرىسىدا خۇش خەۋەر تارقالدى، خۇەنيۈ يېڭى زېمىن 65230307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر لاتارىيەچى لەنچۈي چۈەن باۋ، خوڭچۈي ڧۇشى بويىچە دو تىكىپ (采用蓝区全包、红区复式投注)، 13300 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

19-چېسلا چۈشتىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى خې ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 6523030307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى. 6523030307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى دوڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ لاتارىيەچى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئويناشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىكەن. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خې ئەپەندى سەزگۈسىگە ئاساسەن يەتتە قىزىل توپنى تاللىدى، ئەمما كۆك توپنىڭ نومۇرى ئىزچىل ئېنىق ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆك توپنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ، 7 + 16 قايتىلانما (复式彩票) لاتارىيە بېلىتىگە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، بۇ لاتارىيە بىلىتىدە 2 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 33 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 70 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 13300 يۈەن بولدى. «ھەر قېتىم لاتارىيەچىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىمەن، ئۇلارنىڭ تېزراق كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»ــ دېدى دۇڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا.

ئارقىدىن، 6523030307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى دۇڭ ئەپەندى: «ھازىرقى لاتارىيەچىلەر ھەقىقەتەن بارغانسېرى ئەقىللىق بولۇپ كەتتى، نۇمۇر بىكىتەلمىسە 16 كۆك توپنىڭ نومۇرىنى تولۇق تاللايدۇ، كۆك توپنى تاللىيالماسلىقتىن غەم قىلمايدۇ، بۇ توپ مەشغۇلاتى ھەقىقەتەن قالتىس!»-دېدى.

(سانجى   فېڭرۈي)

分享到: