新闻详情

ياش يىگىت تۇرسۇن 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-29 18:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى ئوبلاستلىق يولۇچى توشۇش بېكىتى دەرۋازىسى ئالدىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سېتىش تور نۇقتىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، خۇشاللىق ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى، ئەسلىدە بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ تەلىي كېلىپ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ(超给力 تە 100000 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر يىگىت تۇرسۇن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنىڭ ھەۋەسكارى ئىكەن. 4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، تۇرسۇن كەچلىك تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى، بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى ئوبلاستلىق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى دالا سېتىش تور نۇقتىسى ئالدىدىن ئۆتتى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدش» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسۇن ئەلۋەتتە بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايتتى.

تۇرسۇن پارچە ۋە ئېشىپ قالغان لاتارىيە بېلەتلىرىنى قىرىشقا ئامراق بۇلۇپ، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلەتلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، بىر تال «ئېىشىپ قالغان» لاتارىيە بىلىتىنى بايقىدى __ قىممىتى 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى يەككەېگانە بىر چەتتە تۇراتتى، تۇرسۇن خۇشاللىقىدىن دەرھال بۇ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ئاستا-ئاستا قىرىشقا باشلىدى، ئۇ« مېنىڭ نومۇرىم» نى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل كۆزىتىپ تۇرغان مال ساتقۇچى ھاياجانلىنىپ :«مۇبارەك بولسۇن!سىز چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز!»-دېدى، تۇرسۇن تېخى نېمىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا، مال ساتقۇچىنىڭ ئالقىش سادالىرى بىلەن يولدىن ئۆتكەنلەر تۇرسۇننى بەس ـ بەستە ئورىۋالدى، كاتتا مۇكاپات ئەتراپتىكى ئاممىنى جەلىپ قىلغان ئىدى، كۆپچىلىك تۇرسۇننىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىش بىلەن بىللە، بەس ـ بەستە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى تاللىدى، ھەممەيلەن خۇشال ـ خۇراملىققا چۆمدى ۋە بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى، سېتىش تور نۇقتىسى بىر مەھەل قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالداتەلەي كەلگەندە ھەقىقەتەن توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، ئېشىپ قالغان لاتارىيە بىلىتىنى قىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىم مېنىڭ بۇ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنىڭ سەۋەبچىسى بولدى. كاتتا مۇكاپات بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش ئىكەن. مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، مەن تېخى ئۆيلەنمىدىم، شۇڭا بۇ پۇلنى ئاۋۋال ئانامنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىمەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: