新闻详情

لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئويۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-12 17:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

مۇكاپاتقا ئېرىشىش لاتارىيىچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش. 27-ئاپرېل، جىمىسار ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ شۇ كۈنى «دەن تۆت چۈەن تو» تىن ئىبارەت دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «شادلىق 8» ئويۇنى «بەشنى تاللاش» ئوسۇلى بىلەن دو تىكىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تۆت دەنما تۇلۇق چىقتى، ۋە 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى تاقەتسىزلىك بىلەن 65230184 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى. جاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر خىل ئويۇنلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئويناش ئۇسۇلى «دەن تۆت چۈەن تو» نىڭ خۇش خەۋىرى ئۈزلۈكسىز تارقالغان، جاڭ ئەپەندىمۇ ناھايىتى قىزىقىپ قېلىپ، «دەن تۆت چۈەن تو» نى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 27-ئاپرېل، جاڭ ئەپەندى 65230184 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، «شادلىق 8» ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا « 02، 05، 06، 76» دىن ئىبارەت تۆت نومۇرنى «دەنما» قىلىپ تاللاپ، «دەن تۆت چۈەن تو» دو تىككەن، نەتىجىدە دەنما تولۇق چىققان، ۋە 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

جاڭ ئەپەندى:«مېنىڭچە <شادلىق 8> ئويۇنى <دەن تۆت چۈەن تو> تورد ئالقىشقا ئېرىشكەن <تور چولپىنى> بولۇشقا مۇناسىپ. ھەم ئاددىي، ھەم ئەمەلىي، قىزىقارلىق ھەم ئەمەلىي نەپ بىرىدۇ! بۇ ئويناش ئۇسۇلى مېنىڭ ياخشى كۆرۈپ تەتقىق قىلىشىمغا ئەرزىيدۇ، ياخشى ئامەتنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى، داۋاملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدى.

(سانجى يەنياۋ)


分享到: