新闻详情

ئىشلەمچى يىگىت شىياۋ ما 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-18 18:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«بۇ يىل پاراۋانلىق لاتارىيەسى <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ئويۇنى بىلەن ئۇچراشتىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تۇنجى قېتىم 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، ھا ھا ھا!»-دېدى ئىشلەمچى يىگىت شىياۋ ما (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خۇشال ھالدا.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يىگىت شىياۋ ما بۇ يىلنىڭ بېشىدا غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، بوش ۋاقىتلىرىدا ئىشداشلىرىغا ئەگىشىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، ئەمدىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقان شىياۋ ما «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنىڭ ئويناش ئوسۇلىنىڭ ئاددىي ھەم مۇكاپات ئېچىلىشى تىز ئىكەنلىكىگە قاراپ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇنىغا ئامراق بۇلۇپ قالغان.

4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتە، شىياۋ ما غۇلجا شەھەرلىك خەنلىن خۇافۇدىن ئىشىنى تۈگىتىپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى كىچىك دۇكانغا كېلىپ بىر بولاق تاماكا سېتىۋالماقچى بولدى، ئەپچىل يېرى بۇ كىچىك دۇكان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سودا ۋاكالىتەن سېتىش تور نۇقتىسى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىغا قىززىقىۋاتقان شىياۋ ما تاماكا سېتىۋالغاندىن كېيىن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى كۆرگەزمە قۇتىسىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، قىممىتى بەش يۈەنلىك ئىككى پارچە «كاتتا ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلىتى تاللىدى. تۇنجى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كېيىن، شياۋما قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، ئۇ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، مال ساتقۇچى مۇكاپات چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ھەيران قالغان شياۋما مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلىتى ئاستا يانچۇقىغا سېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

يېقىندا، مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرگەن شىياۋ ما خۇشال ھالدا:«بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىنى يۇرتىمدا قالغان ئايالىمغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، بالىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىن بالا تەربىيەلەش فوندى قىلىمىز. مەن ياشلىقىمدا كۆپرەك ئۆگىنىپ كۆپرەك ئىشلىسەم ئاندىن ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالايمەن!»-دېدى.

(ئىلى   ياڭخۇي)


分享到: