بۇ بەش خىل ئاياللار كېسىلىنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ发表时间:2022-06-10 13:04 ئاياللار كېسىلى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، مەسىلەن، يەرلىك ئەزا ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇش قاتارلىقلار. چۈنكى كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرىگە بولغان توغرا تونۇشى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پەرۋىشى ناچار ۋە تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغاچقا، فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ئانچە روشەن بولمايدۇ، دائىم كىشىلەر سەل قاراپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. 1. داس بوشلۇقى ياللۇغى باكتېرىيە ئاسانلا تەتۈر يۆنىلىشتە بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق داس بوشلۇقىغا كىرىپ، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىنكى ياكى تۇغقاندىن كېيىن يۇقۇملىنىش، قوشنا ئەزا ياللۇغىنىڭ يامرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى داۋاملىق ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئاغرىق سېزىمى كۈچىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، باش ئاغرىش ۋە يۇقىرى قىزىتما قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا ئاياللاردىكى تۇغماسلىق ياكى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. 2. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ئاسان يۈز بېرىدۇ، بۇ ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە تەۋە بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش خەۋپى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بىمارلىرىدا روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئاندا-ساندا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ياكى داس بوشلۇقىنى تەكشۈرگەندە ئاندىن بايقىلىدۇ. 3. قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۇخۇم نەيچىسىگە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە تۇخۇمدان يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش، ياللۇغنىڭ قايتا-قايتا قوزغىلىشى ۋە پەيدا بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى قورساق كۆپۈش ۋە قورساق ئاغرىش بولۇپ، دائىم ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، قىزىش ۋە بەل ئاغرىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى ئىزچىل داۋالىمىسا، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ تارىيىشى ياكى توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 4. تۇخۇمدان ئۆسمىسى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى، يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك، مۇھىت ۋە ئىرسىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەردۇر. تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە روشەن قورساق كۆپۈش سېزىمى پەيدا بولۇپ، قورساق قىسمىدا ئىششىق ۋە قورساق سۈيى پەيدا بولىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، ياشانغان ئاياللاردا تەرتىپسىز ھالدا جىنسىي ئەزالاردىن قان چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. 5. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسەللىك ئەمەس، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز. جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا يېنىك زەخىملىنىش، باكتېرىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، زىيادە تازىلاش، بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ ھېچقانداق ئالامىتى يوق، پەقەت ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرتكەندە ئاندىن بايقىلىدۇ، لېكىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ھېچقانداق زەخىملىنىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. |