新闻详情

ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن

发表时间:2022-06-10 13:06

شىۋېتسىيە كارولىنسكا شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئەمما تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىكەن.

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى 2.5 ئەقلىي نۇقتا يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. بۈگۈنكى دۇنيادا ئېلېكترونلۇق ئويۇن پەقەت بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىدىكەن. 2020-يىلىغا قەدەر ئامېرىكىدىلا 200 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغان. بۇ تەخمىنەن %65 قۇرامىغا يەتكەن ئامېرىكىلىقنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەشەببۇسچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشە شۇكى، زوراۋانلىق سىن ئويۇنى ياش ئوينىغۇچىلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا زوراۋانلىق قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق سىنلىق ئويۇنمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. ھەرىكەتلىك سىن ئويۇنى ئوينىغۇچىلارنىڭ قول بىلەن كۆزنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش سېزىمى ھەرىكەت ئىقتىدارى ئويۇن ئوينىمايدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناش ھەتتا ئەقلىي ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

شىۋېتسىيە كارولىنسكا شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بالىلارنىڭ ئېكران ئادىتى بىلەن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئەمما تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىكەن. بۇ نەتىجە «ئىلىم-پەن دوكلاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

كاروللىنىسكا شۆيۈەنى ۋە ئامىستېردام Vrije داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ تەتقىقاتتا ئېكران ئىشلىتىش بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەن.

بۇ تەتقىقات ئامېرىكىدىن كەلگەن 9000دىن ئارتۇق ئوغۇل-قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ بالىلار توققۇز ياش ياكى ئون ياش ۋاقتىدا بىر قاتار پىسخىكىلىق سىناقلارغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى بىلىش ئىقتىدارى (ئەقلىي ئىقتىدارى) باھالانغان. بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن يەنە ئۇلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېلېۋىزور ۋە كىنو كۆرگەنلىكى، سىن ئويۇنى ئوينىغانلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن پايدىلانغانلىقى سورالغان. ئىككى يىلدىن كېيىن تەتقىقاتچىلار 5000دىن ئارتۇق بالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، بۇ چاغدا ئۇلاردىن پىسخىكىلىق سىناقنى تەكرار ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تەتقىقاتچىلارنى بالىلارنىڭ سىناق جەريانىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىناق ھالقىلىرىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق سىناقتىكى يەككە پەرقنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. ئۇلار يەنە ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئىرسىيەت پەرقى شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالى بولغان پەرقنى كونترول قىلغان.

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، بالىلار ھەر كۈنى 2.5 سائەت تېلېۋىزور كۆرگەن، يېرىم سائەت ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن پايدىلانغان، بىر سائەت ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆپ ئويۇن ئوينايدىغانلارنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۆلچەش ئارىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى تەخمىنەن 2.5 ئەقلىي نۇقتا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن بولسۇن، تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ روشەن تەسىرى كۆرۈلمىگەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئېكران ۋاقتى ئادەتتە بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناش ئەمەلىيەتتە ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق» دېگەن قاراشنى قوللايدىكەن. بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن بىردەك ئىكەن.


分享到: