新闻详情

يېڭى نۇسخىدىكى بېنز E دەرىجىلىك ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىندى

发表时间:2022-06-10 13:13

بېنز ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى بېنز E دەرىجىلىك ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىنغان، بۇنىڭدا يېقىلغۇلۇق تىپى ۋە توكقا چېتىلىدىغان شەكىلدىكى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك تىپى بار بولۇپ، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 436 مىڭ 800 يۈەندىن 520 مىڭ 300 يۈەنگىچە بولغان.

ئادەتتىكى ئازراق ئۆزگەرتىلگەن تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان يېڭى ئاپتوموبىلدا ئاساسلىقى ئىلگىرى ئۆزەك كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك ۋاقتىنچە توختىتىلغان قىسمەن سەپلىمىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە E260Lنىڭ بارلىق تىپىغا ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، E300L ۋە E350eL تىپىغا بولسا ئالدى رەت ئورۇندۇق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.


分享到: