新闻详情

ئۆيدىكىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى نۇمۇرى بىلەن دو تىككەن لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-26 12:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ «غوجايىن، بۇ لاتارىيە بىلىتىگە قاراپ بېقىڭ، مۇكاپات چىقىپتىمۇ ياقمۇ؟» 65230268 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ سېتىش خادىمى شياۋليۇ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالدى ھەم دو تىكىش ماشىنىسىدا سىكانىرلدى، دو تىكىش ماشىنىسى ئېكرانىدا مۇكاپات سوممىسى 372553 يۈەن دەپ كۆرۈندى. شياۋليۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماي تۇرۇپلا، كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقان لاتارىيەچى لاتارىيە بىلىتىنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن تېز سۈرئەتتە ئايرىلدى، چۆچۈپ كەتكەن شياۋليۇ ئۆز جايىدا تۇرۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لاۋجاڭ ئالدىراپ ـ تېنەپ سانجى شەھىرىنىڭ ۋۇسەي يېڭى شەھىرى شىمالىي دەرۋازىسى 65230268 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىقتى، ئۇ قولىدا ئەمدىلا دەلىللىنىپ بولغان، «قوش رەڭلىك توپ» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى، كاللىسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەنزىرە ئۈزلۈكسىز جىلۋىلىنەتتى. ئىگىلىنىشىچە، 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022053 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغان بۇلۇپ، شۇ قاراردا شىنجاڭ رايونىدىكى لاتارىيەچىلەر بەش دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 366858 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر دو مۇكاپاتقا سانجى شەھىرى 65230268 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ئېرىشكەن، بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى دەل لاۋجاڭ ئىدى.

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، لاۋجاڭ كۈلۈپ تۇرۇپمەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن پىيادە ماڭغاندا 65230268 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتىمەن، بەزىدە بەك ھورۇن بۇلۇپ قالىمەن، ئۆزۈم سېلىشتۇرۇشنى خالىماي، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ دو تىكىپ دو تىكىش ماشىنىسىدا تەكشۈرتىمەن، بۇنداق بولغاندا خاتىرجەم بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ»-دېدى . ئادەم خۇشال بولسا، روھىي كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ! لاۋ جاڭ ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا يەتتە ـ سەككىز يىل بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەر بىر قاراردا دېگۈدەك لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىمقى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۇنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، مۇكاپات نومۇرى ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، 10 + 1 نىڭ قايتىلانما لاتارىيە بىلىتىگە دو تىككەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ بەخت نۇمۇر ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىگە كاتتا مۇكاپات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 24 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 90 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 372553 يۈەن بولدى.

لاۋجاڭ مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپات سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولىشى مۇھىم ئەمەسلىكى، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئۆزى پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ ئۆزىگە خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈردىغانلىقىنى، مۇكاپات چىقمىسىمۇ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشقانلىق بۇلىدىغانلىقىنى، كېيىن يەنە داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

(سانجى چېنجيەنمىڭ)



分享到: