新闻详情

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يىگىت ئۆيدىكىلىرى بىلەن بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

发表时间:2022-05-30 11:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«ماي بايرىمى» لىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ناھايىتى شوخ بىر ئوغۇلنى يەنى شياۋياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نى كۈتىۋالدى، ئۇ بىر تەرەپتىن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى بېجىرگەچ، بىر تەرەپتىن خۇشال ھالدا:«مېنىڭ تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مۇكاپات مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى خىراجەت ئىستېمالىغا ئىشلەتتۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق-دېدى.

5 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتە، شياۋياڭ ئىشىنى بېجىرىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۇ غۇلجا شەھىرىنىڭ ستالىن كوچىسىدىكى ئۈچ كوچا ئېغىزىدا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلەت سېتىش تور نۇقتىسى ئالدىدىن ئۆتتى، شياۋياڭ تور نۇقتىسى ئەتراپىدا بىر نەچچە كىشىنىڭ بىر نېمىلەرنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بېرىپ تاماشا قىلماقچى بولدى. يېقىن بېرىپ قارىغاندىن كىيىن، ئەسلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى لاتارىيە ئويۇنى ئويناۋېتىپتىكەن. شياۋياڭ كۆڭلىدە ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى سىتىۋېلىپ باقمىغان ئىدىم، سىناپ باقاي! دەپ ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس يىلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئون يۈەنلىك بېلەت « رېنيىن خۇ» لاتارىيە بىلىتىنى تاللىدى. ئويلىمىغان يەردىن، پەقەت بىر بېلەت بىلەنلا شياۋياڭ زور مۇكاپاتقا ئېرىشتى ـــ مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى! تۇنجى قېتىم لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شياۋ ياڭ شادلىققا چۆمدى، ناھايىتى ھاياجانلاندى.

شياۋ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ «1 ـ ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى بىز ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۇق، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن، بىز ئائىلە كىشىلىرى ئوپچە تاماق يەپ، مال سېتىۋېلىپ، بىر ئۇنتۇلغۇسىز دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: