新闻详情

قارىغاندا لاتارىيەچىلەرنىڭ «تەلىيى» ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەن!

发表时间:2022-05-31 16:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيە سېتىۋېلىش ئىشىدا، نۇرغۇن كىشىلەر نومۇر تاللاشتا ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى جەدۋىلى قاتارلىقلارنى كۆزىتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە «تەلەي» مۇ ئىنتايىن مۇھىم. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئابلىز دەل مۇشۇنداق تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن سەيمىن بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ «شادلىق 8» ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئابلىز بىر نەچچە دوستى بىلەن بىللە قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، بىر دوستى ئىشىكتىن كىرىپلا:«مەن ئالدىنقى ئىككى كۈندە سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپات چىققان ـ چىقمىغانلىقىغا قاراپ باقاي»-دېدى. ئابلىز بۇنى ئاڭلاپ: « سىز قانداق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىڭىز؟ مەن پەقەت قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى لارىيە بىلىتىنىلا بىلىمەن، كۆرۈپ چۈشىنەلمەيمەن، بەك مۇرەككەپ ھېس قىلىمەن»-دېدى. دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ «شادلىق 8» نى ئويناۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئابلىز بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غۇدۇراپ:«ھەرقانچە قىزىق بولسىمۇ مەن ئويناشنى بىلمەيمەندە... »-دېدى ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا چاپلانغان مۇكاپات كۆرسىتىش لاتارىيە بېلىتىنى كۆردى، بىر نەچچە قېتىم قارىغاندىن كىيىن، ئاندىن بىر پارچە لاتارىيەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ساتقۇچىغا: « بۇنىڭ ئىچىدىكى 17260 يۈەن مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىدىن ماڭا بىرنى تاللاپ بېرىڭ-دېدى. «بۇ ادلىق 8> ئويۇنىدا بەشنى تاللاش ئۇسۇلىدىكى <دەن سى چۈەن تو> ، دو تىكىش سوممىسى 152 يۈەن، سىز ئاپتوماتىك نومۇر تاللاشنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟» ـــ دېدى مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا جەزملەشتۈرۈپ. « توغرا، ئاپتوماتىك نومۇر تاللايمەن، ئىشقىلىپ مەن ئويناشنى بىلمەيمەن، مۇكاپات چىقىش چىقماسلىق پۈتۈنلەي تەلەيگە باغلىق!» -دەپ جاۋاب بەردى ئابلىز.

شۇ كۈنى كەچتە، ئابلىز بىلەن دوستى يەنە 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، دوستى ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىققان چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئەسكەرتتى. ئابلىز لاتارىيە بېلەتنى مال ساتقۇچىنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىگە بەردى، مال ساتقۇچى سېلىشتۈرغاندىن كىيىن ھەيران بولۇپ:«تەڭرىم! سىزگە 17260 يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ! مۇبارەك بولسۇن!»-دېدى، ئابلىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، دوستى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: « بۇرادەر! سىزگە مۇكاپات چىقىپتۇ! تېز بىزنى مېھمان قىلىڭ!»ــ دېدى.

قارىغاندا، لاتارىيەچىلەرنىڭ «تەلىيى» ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەن!

(قەشقەر ياۋتىڭ)


分享到: