新闻详情

يەكەن ناھىيىسىدىكى لاتارىيەچى ئادىل 72800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-01 12:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

تۇيغۇ بىر خىل ئاجايىپ نەرسە، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر دو تىكىشتىن بۇرۇن توساتتىن «تۇيغۇغا ئەگىشىپ مېڭىش» ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ،. يەكەن ناھىيىسىدىكى لاتارىيەچى ئادىل (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مانا مۇشۇنداق تەلەيلىك لاتارىيەچى.

4- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئادىل ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65318058 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، شۇ كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تەلەي ئۆزىگە قول پۇلاڭلىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئادىل پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تېز سۈرئەتتە كۆزىتىپ، بەش دو نومۇرىنى تاللاپ، ھەر قايسىسىغا 70 ھەسسە تاللاپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، ئالدىغا ھەقىقەتەن تەلەي كەلگەن ئىدى. مۇكاپات نومۇرى «150» بولۇپ، ئادىل بىراقلا 72800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

65318058 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچى شياۋ:«ئادىل بىزنىڭ پونكىتتىكى كونا لاتارىيەچى، ئۇ ئىزچىل 3D ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەن راستتىنلا ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، ئۇنىڭ ئامەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدى.

(قەشقەر   جاڭيەن)


分享到: