新闻详情

ۋاڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنىدا 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-02 14:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2022131-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) بىر پارچە 20 يۈەن قىممىتىدىكى لاتارىيە بىلتىگە تايىنىپ 10 دو ئالتىنى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 50000 يۈەن بولدى (تارقىتىپ بېرىلگەن 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

شۇ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى 65410314 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا :« بۈگۈن بىر نەچچە پارچە <شادلىق 8> لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ بېقىڭ. ھازىر دەل مۇكاپات تارقىتىۋاتىدۇ-دېدى، گەرچە ۋاڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنىنى ئانچە پىششىق بىلمىسىمۇ، ئەمما ۋاڭ ئەپەندى مال ساتقۇچىنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بىر دو ئاپتوماتىك ئالتىنى تاللاش يەككە نۇمۇرغا 10 ھەسسە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، ۋاڭ ئەپەندى تورغا چىقىپ مۇكاپات ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئۆزى تاللىغان ئالتە نومۇرنىڭ تولۇق چىققانلىقىنى بايقىدى!

شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى ئەينى چاغدا مەن بەك خۇشال بولدۇم، مۇشۇنداق ئاسانلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! مەن لاتارىيە ئويناۋاتقىلى شۇنچە يىللار بولدى، ئەزەلدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقىپ باقمىغان ئىدى، بۇ قېتىم بىراقلا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى! ھېلىمۇ ياخشى مۇكاپات تارقىتىشقا ئۈلگۈرۈپتىمەن، بولمىسا ئاران 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشدىكەنمەن! مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ھەقىقەتەن بەك ئەمەلىي ياخشى پائالىيەت ئىكەن-دېدى.

(ئىلى   ياڭخۇي)


分享到: