新闻详情

ئامەت ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن كېلىدۇ، مانا بۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشنىڭ خۇشاللىقى

发表时间:2022-06-02 18:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022055 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، شىخەنزە شەھىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دو تىكىش ماشىنىسىدا ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپات ئۇچۇرىنى كۆردى، ئۇچۇردا 65030039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن 1 دو «قوش رەڭلىك توپ» ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مۇكاپات سوممىسى 296262 يۈەن بولغان.

خۇش خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 65030039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى مال ساتقۇچى ۋە سەيمىن قاتارلىقلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئەمما 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگە كەلگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سەيمىن لى ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاندىن شىخەنزە فۇسەي مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى ئالدى. ئەسلىدە، لى ئەپەندى شۇ ۋاقىتتا لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇشنى ئىزچىل ئويلاپ باقمىغان، يەنە بىر قېتىم 65030039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ئاندىن لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇشنى ئويلىغان، شۇندىلا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان.

لى ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىپ كېلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان بولۇپ، ئۆزى ناھايىتى ئاز نومۇر تاللايدىكەن ۋە ناھايىتى ئاز نومۇر ساقلايدىكەن، ھەممىسىنى بىۋاسىتە ئاپتوماتىك نومۇر تاللايدىكەن. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇ 65030039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، بىۋاسىتە نومۇر تاللىماقچى بولغان، لېكىن كۆك توپ « 16» خېلى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پەقەت قىزىل توپنى ئاپتوماتىك تاللاش ئارقىلىق تاللاپ، تاللانغان بەش دو نومۇرغا يەككە نومۇر بويىچە تىككەن. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، لى ئەپەندى يەنە بىر قېتىم 65030039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە، لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرغان. مال ساتقۇچى ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئاپتوماتىك نومۇر تاللاش -تاللىماسلىقىنى سورىغاندا، لى ئەپەندى ئويلىنىپ، قولىدىكى بېلەتنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: « بۇ بېلەت بويىچە يەنە بىر قېتىم دو تىكەي-دېدى، ئويلىمىغان يەردىن لى ئەپەندىمگە قوش رەڭلىك توپ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 296262 يۈەن بولغان.

ـــ «ئامەت ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن كېلىدۇ، مانا بۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشنىڭ خۇشاللىقى!»ــ دېدى لى ئەپەندى خۇشال ھالدا.

(شىخەنزە   جاڭفەن)


分享到: