新闻详情

يەكەن ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئالىم 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-07 14:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يەكەن ناھىيەسى 65310263 پاراۋانلىق لاتارىيە نۇقتىسىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، سەيمىن ئالىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» بىلەت تۈرىدە 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ئالىم قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى.

ئالىم مۇنداق دېدى: « مەن پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي ھەم قىزىقارلىق، ئۈنىڭ ئۈستىگە سېتىۋېلىپلا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، مۇكاپات پۇلىمۇ ناھايىتى مول، تېخىمۇ مۇھىمى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئويناش يەنىلا مېھىرەپقەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش!»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئالىم تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى! شۇ كۈنى خىزمەتداشلىرىم بىلەن قەيەرگە بېرىپ تاماق يىيىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، دەل 65310263 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدى ئالدىدىن ئۆتكەندە، مەن كۆڭلۈمدە تۇغۇلغان كۈن بولغان ئىكەن تەلىيىم يامان ئەمەس بۇلىشى مۇمكىن، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىمنى سىناپ باقاي، كىم بىلسۇن كاتتا مۇكاپاتقا چىقىپ قالامدۇ دەپ ئويلىدۇم، تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى، مەن 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم-دېدى.

«تۇغۇلغان كۈنۈمدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، چەكسىز خۇشال بولدۇم! ماڭا كاتتا "تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى" بەرگەن پاراۋانلىق لاتارىيەگە كۆپ رەھمەت!»-دېدى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ئالىم خۇشال ھالدا.

(قەشقەر   جاڭيەن)


分享到: