新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-22 12:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەتىگەندىلا بىر ياشنى كۈتۈۋالدى، بۇ دەل ۋۇ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىدى، ئۇ خۇشال ھالدا سومكىسىدىن بىر پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا:«مەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرمەكچى ئىدىم، تۈنۈگۈن كەچ قالدىم، شۇڭا بۈگۈن بالدۇرلا كەلدىم، مەن بۇ كاتتا مۇكاپاتنى بالدۇرراق ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى.»-دېدى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ لاتارىيەدە 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىىسى 100000 يۈەن بولغان. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش جەريانىدا ۋۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىنىڭ ئانچە ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئاندا-ساندا بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: « لاتارىيە بېلىتى قىرىش ئادەمنىڭ بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ، ھەم شۇنداقلا تەلەي سىناپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېگە بۇلىدۇ.»-دېدى.

5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ۋۇ ئەپەندى كەچلىك تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، 65010221 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدىكى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە ئۇنى جەلپ قىلىۋالدى، ئۇ بىرنەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىدى ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىپ كەلدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرگىنىدە، ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئويۇنىنىڭ بىلەت يۈزىدىكى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « ئەسلىدە 50 يۈەن قىممىتىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى قىممەت ھىس قىلىپ، سەل ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم، لېكىن كىچىك قىممەتتىكى لاتارىيە بېلىتىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىگەن ئىكەن». ئۇ ئويلىنىپ، يەنىلا 100 يۈەنگە ئىككى پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن «مۇكاپات نومۇر» بولسا « 04» بولدى، ۋۇ ئەپەندى بۇ نومۇرنىڭ خېلى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، لاتارىيە بېلىتى داۋاملىق قىرغاندىن كىيىن ئارقىدىنلا« مېنىڭ نومۇرۇم» 8 -قۇردا، يەنە بىر قېتىم « 04» پەيدا بولىدى، تۆۋەن تەرەپتە كۆرسىتىلگەن مۇكاپات سوممىسى«¥100,000» بولغان ئىدى. مۇكاپات پۇلىنى كۆرگەن ۋۇ ئەپەندى ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي، كۆزىنى يوغان ئېچىپ ۋارقىرىدى: ـــ«ئۇنداق ئەمەستۇ؟ ماڭا راستتىنلا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتىمۇ؟»-دېدى، مال ساتقۇچى خادىم جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى ئاندىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ھەقىقەتەن «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» قوشتى!

ۈرۈمچى شەھىرى     چېن بىنۋېي)



分享到: