新闻详情

شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ سىناق نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

发表时间:2022-06-23 13:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى

شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ سىناق نەتىجىسى تۆنۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىندى

2022-يىللىق شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا كىرىش سىناق نەتىجىسى   22-ئىيۇن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىندى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www. xjzk.gov.cn)   «شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى» غا كىرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ سىناق نەتىجىسىدىن گۇمان قىلسا، 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ ئىدارىسىگە نەتىجىسىنى قايتا   تەكشۈرۈشنى   يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا   تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىنكاس قىلىدۇ.

分享到: