خەتىرى تۆۋەن رايونلار نېمىشقا نورمال ئېچىۋېتىلمەيدۇ؟发表时间:2022-08-24 19:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى 23-ئاۋغۇست كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن قادىر مۇخبىرلار سورىغان «بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 22-ئاۋغۇست ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولغان نۇرغۇن رايونلار نېمىشقا نورمال ئېچىۋېتىلمەيدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن، يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلىنىپ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ئەھۋاللىرى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. يىغىپ ئېيتقاندا، تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ھەرگىزمۇ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭدا يەنىلا يۆتكىلىشنى ئازايتىشقا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۈمىدى بىلەن بەلگىلىك پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، بىز شەھەر ئاھالىلىرىدا چوقۇم سەگەك تونۇش، ئاقىلانە روھىي ھالەتنىڭ بولۇشىنى، «تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇشنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك قويۇۋېتىش» تەدبىرىنى تولۇق چۈشىنىشىنى، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى بىز بىلەن بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. |