ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە سەككىزىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

发表时间:2020-09-29 13:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:天山网

微信截图_20200929135327.png

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى تېز ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە، رەت تەرتىپى 2014-يىلدىكى 20-ئورۇندىن تېز سۈرئەتتە 2018-يىلدىكى 8-ئورۇنغا ئۆتكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ئۈچ ئورۇن ئالدىغا سۈرۈلگەن.

«دوكلات»تا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلغىچە، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات سەۋىيەسى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغان دۆلەتلەر ياپونىيە، ئامېرىكا، كورېيە، شىۋېيتسارىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، جۇڭگو، شىۋېتسىيە ۋە دانىيە ئىكەن. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز 2018-يىلى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە فىنلاندىيەدىن كېيىنكىلا ئورۇننى ئىگىلىگەن؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نەتىجە-ئۈنۈمىدە بولسا تېخىمۇ ئالدىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


分享到: