ئامېرىكا زوڭتۇڭى ترامپ يېڭى تاجىسىمان ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى发表时间:2020-10-02 13:30来源:مەركىزىي تېلېۋېىزىيە ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2-ئۆكتەبىر سەھەردە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ، ئۆزى ۋە ئايالى مېلانىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە دەرھال ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن ئاق ساراي دوختۇرى تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىققانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭدىن بورۇن تىرامپنىڭ ئايال ياردەمچىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان.بۇ ياردەمچى يېقىندا تىرامپ بىلەن كۆپ قېتىم سەپەرداش بولغان. شۇ يەر ۋاقتى 1-ئۆكتەبىر كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال ياردەمچىسى خوپ ھىكىسنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى دەلىللىدى. خوپ ھىكىس يېقىندا تىرامپ بىلەن كۆپ قېتىم سەپەرداش بولغان، جۈملىدىن 29-سېنتەبىر كلېۋېلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام مۇنازىرىسىگە قاتناشقان، ھەمدە 30-سېنتەبىر مىننېسوتا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام رىقابىتى يىغىلىشىغا قاتناشقان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراي دوختۇرى تىرامپنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق« تەسىرگە ئۇچرىماي» ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر-ئايال ئىككىسى ئاق سارايدا قېلىپ داۋالىنىدىكەن. ئاقساراي دوختۇرلىرىنىڭ دوكلاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنىڭ يېڭى تاج ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىققان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر-ئايال ئىككىسى ئاق سارايدا قېلىپ داۋالىنىدىكەن، نۆۋەتتە ئىككىسىنىڭ كونكرېت ئايرىش ۋاقتى ۋە داۋالاش ۋاقتىنى بېكىتكىلى بولمايدىكەن، تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭ مۇنازىرىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، تىرامپ كېيىن فىلورىدا ئىشتاتى، ۋىسكونسىن ئىشتاتى ۋە ئارىزونا ئىشتاتىدا يىغىلىش قىلغان. 6-ئايدىكى ئاقساراي دوختۇرىنىڭ باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن تىرامپ سېمىزلىك كېسىلى بار دەپ قارىلىپ، يېڭى تاجىسىمان كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. |